تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

  ــــ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىدا بېرىلدى

  (2018– يىل3– ئاينىڭ 3– كۈنى)

  ۋەن گاڭ

  ئەزالار:

  مەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا 12 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

  1. تەكلىپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى

  12 – نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 –، 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپى بويىچە، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشانلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تاپشۇرغان تەكلىپلەر دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، يىرىك پىلان تۈزۈش، تۈزۈم ئورنىتىش ۋە ئىلمىي تەرەققىي قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، جەمئىي 29 مىڭ 378 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدۇق، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 23 مىڭ 975 پارچە تەكلىپ رويخەتكە ئېلىندى. رويخەتكە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار بەرگەن تەكلىپ 21 مىڭ 949 پارچە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بەرگەن تەكلىپ 1702 پارچە، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى بەرگەن تەكلىپ 72 پارچە، ساھەلەر، ساھە گۇرۇپپىلىرى بەرگەن تەكلىپ 215 پارچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى بەرگەن تەكلىپ 37 پارچە. ھەرقايسى بېجىرگۈچى ئورۇنلار كېڭىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەۋسىيەلەرنى پائال قوبۇل قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2018 – يىل 2 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە %99 تەكلىپكە جاۋاب قايتۇردى. كۆپ ساندىكى تەكلىپنىڭ پىكىر ۋە تەۋسىيەلىرىنى قوبۇل قىلدۇق ياكى بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىمىز.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، پولات – تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ سانائەتتىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش، ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ ئەلالىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە مەدەت بېرىش، بۈيۈك مەلۇمات، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىلىكىدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ۋە تەمىنات سىستېمىسى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە پايدىلانما بولدى. ئۇنىۋېرسال قاتناش – تىرانسپورت سىستېمىسى بويىچە ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››غىچە راۋانلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا – غەربىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر كۆپ خىل ئۇلانما تىرانسپورتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، بىر تۈركۈم ئوتتۇرا – غەربىي قىسىم تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى ياكى تۆمۈريول تورى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروتقا سېلىنىشى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، گەننەن، زويۈجياڭ، دابيېشەن قاتارلىق كونا ئىنقىلابىي رايونلاردا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە لايىھەلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رولىنى جارى قىلدۇردى. باجنى كېمەيتىپ ھەقنى ئازايتىشنى تېزلىتىش، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك سىناق قىلىش، مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتى تۈزۈش جەريانىدا قوبۇل قىلىندى.

  سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپى، دۆلەت شېئىرى قانۇنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە جۇڭگو تېبابىتى – دورىگەرلىكى قانۇنىنى تۈزۈش، ئاكسىيە قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە پايدىلانما بولدى. تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى دەۋاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەمۇرىي رايون ھالقىغان خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رولىنى جارى قىلدۇردى. پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى بەرپا قىلىش، مەمۇرىي تەستىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر ‹‹مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش›› ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پايدىلانما بولدى. ھۆكۈمەت ئىشىدا ھۇرۇنلۇق، سۆرەلمىلىك قىلغانلارنى تۈزەش، سودا پارىخورلۇقى ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر پارتىيە ئىستىلى – پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر يېڭى ۋەزىيەتتىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پايدىلانما بولدى. چەت ئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ، جۇڭگو چياۋمىنلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر خەلقئارا كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش جىددىي چاقىرىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر ئالاقىدار يېتەكچى پىكىر تۈزۈپ يولغا قويۇشتا پايدىلانما بولدى. چوڭ قانال، ئۇزۇن سەپەر لىنىيەسى خارابىسى، دۈنخۇاڭ مىڭئۆيلىرى، ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇردى. مەدەنىيەت – سەنئەت ئىجادىيىتى مۇلازىمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئىلغار سەنئەتچىلەرنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر دۆلەتنىڭ سەنئەت فوندى تەسىس قىلىش، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئىنسانىي ئالاقە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەۋزەل، ئۆزگىچە مەدەنىيەت بايلىقىدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا، مۇلازىمەت ۋە مەزمۇندا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇردى. 2022 – يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر قار – مۇز كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا، تەنتەربىيە جابدۇقچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە پايدىلانما بولدى.

  جەمئىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىشنى جانلىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە سىناش – باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، سىياسەتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش بايلىقى توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتە رولىنى جارى قىلدۇردى. مائارىپ بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا يېقىن جايدىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىشنى يولغا قويۇش، پۇقرا مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سىياسەت – تەدبىرلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. يېڭى ئەۋلاد دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن يۆلەش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى زورايتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندا ئۆز ۋاقتىدا قوبۇل قىلىندى. ئۆيىدە قالغان بالىلار، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، ئىشتا يارىلانغان بىناكارلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر ئالاقىدار سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزۈشتە پايدىلانما بولدى. دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى ئورنىتىش، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورىگەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىش، باشقا جايدا داۋالانغان ھەقنى راسچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر تېببىي دورا – سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، كۆمۈرنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىش تېخنىكا جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىشنى تېزلىتىش، ئاقىل ئېلېكتىر تورىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش، زىرائەتلەرنىڭ شاخ – شۇمبىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر ئېنېرگىيە تېجەر، مۇھىت ئاسرار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. تۇمان – تۈتەكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، تۇپراقنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش، يېزا مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە، قانۇن چىقىرىشتا پايدىلانما بولدى. رايون، ۋادى ھالقىغان ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قىرغاق لىنىيەسىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر دۆلەت ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۇنىۋېرسال تەجرىبە رايونى قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رولىنى جارى قىلدۇردى. قۇملىشىشنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، كۆل قاتارلىق ئېكولوگىيە بايلىقلىرىنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش، دېڭىزغا قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىمىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر دۆلەت قاتلىمىدىكى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇھىت تەپتىشلىكى بىلەن ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت تەپتىشلىكىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر تەبىئىي بايلىق بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا تەپتىشلىك قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش ۋاقتىدا قوبۇل قىلىندى.

  بەزى تەكلىپلەردە يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››تا چىڭ تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا پايدىلانما بولدى.

  2017 – يىلى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق چۆرىدەش، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى بەردى، رويخەتكە ئېلىنغان 4215 پارچە تەكلىپنى ئاساسەن بېجىرىپ جاۋاب بەردۇق، 41 نۇقتىلىق تەكلىپنى بېجىرىشكە تولۇق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار قائىدە – تۈزۈملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، 240 پارچە مۇنەۋۋەر تەكلىپ ۋە تەكلىپ بېجىرىشتە ئىلغار 45 ئورۇننى تاللاپ تەقدىرلىدۇق، تەكلىپ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.

  2. تەكلىپ خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتۇق

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپ سۈپىتى ۋە تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى تەكلىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. گوۋۇيۈەن ھەر يىلى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەكلىپ خىزمىتىدە يېپيېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

  (1) تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. رەئىس يىغىنى، رەئىسلەر ئىش بېجىرىش يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمەت تۈزۈمى، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ تېمىسىنى بېكىتىش، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش خىزمەت مېخانىزمى ئورناتتۇق. مۇئاۋىن رەئىسلەر ئەترەت باشلاپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ۋە تەكلىپلەرنى بېجىرىشنى كېڭىشىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەم قوشۇمچە باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپ، مەخسۇس كومىتېتنىڭ دائىمىي كومىتېتتا تۇرىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى باش بولۇپ تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى. تەكلىپلەرنى بېجىرگۈچى ھەرقايسى ئورۇنلار تەكلىپلەرنى بېجىرىشنى يىللىق مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرىجىمۇدەرىجە مېخانىزم ئورناتتى، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا قاتلام بويىچە دەرىجىسى ئۆسكەن، سالمىقى ئاشقان، ئۈلگە، باشلامچى بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردۇق.

  (2) تەكلىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. تەشۋىقات ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەزالارنى تەكلىپ خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەپ، تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلاردىن تەكلىپ تېمىسىنى تاللاش ماتېرىيالى يىغىپ ھەم ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەكلىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شياڭگاڭدا، ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئەزالىرىغا تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى قەرەللىك ئۇقتۇرۇپ، تەكلىپنىڭ قاراتمىلىقى ۋە يولغا قويۇلۇشچانلىقىنى كۈچەيتتۇق. رويخەتكە ئېلىش ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، پىكىرلىشىش – كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالى ئېنىق، مەسىلىسى جايىدا، تەۋسىيەسى ئەمەلىي تەكلىپلەرنى رويخەتكە ئالدۇق. پارتىيە – گۇرۇھلار تەشكىلاتى، ساھە گۇرۇپپىلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى قاتلاممۇقاتلام تاللاش، كەڭ كۆلەمدە كېڭىشىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كوللېكتىپ تەكلىپ سۇنۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  (3) تەكلىپ بېجىرىشتە كېڭىشىشنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇرلاشتۇردۇق. سىياسىي كېڭەشنىڭ چوڭ كېڭىشىش پائالىيەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ تېمىسى بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس تېمىدىكى كېڭىشىش يىغىنى ۋە قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبىتى يىغىنىنىڭ قارالمىسىنى بىرلەشتۈردۇق. كېڭىشىشكە قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپ بەرگۈچىلەرنى نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا، تەكلىپ بېجىرىش كېڭەشمە يىغىنىغا قاتنىشىشقا ۋە تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، تەكلىپ بەرگۈچى ۋە بېجىرگۈچى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە پىكىرلىشىشى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلىدۇق. نەزەرىيەنى تەتقىق قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپ بېجىرىش كېڭەشمە سۆھبەت يىغىنى، تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلار خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تەكلىپ بېجىرىشتە كېڭىشىشنىڭ ئورنى، مەزمۇنى، شەكلى قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، كېڭىشىشنىڭ تەكلىپ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ‹‹خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى››نى ئىزچىللاشتۇردۇق ۋە ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

  (4) تەكلىپ نازارەتچىلىكىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە شەھەر پىلانلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرگە قارىتا نازارەتچىلىك خاراكتېرىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېنىق ئىگىلىدۇق، مەسىلىنى نەق تاپتۇق، تەكلىپنى جايىدا سۇندۇق. ئۇدا بەش يىل ‹‹دابيېشەن كونا ئىنقىلابىي رايونىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق، ئۆلكە – مىنىستىرلىق ئارا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە يىرىك پىلان تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. تەكلىپلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر توپلاش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكلىپ بەرگۈچى ۋە بېجىرگۈچى تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى تەكشۈرۈپ ئىگىلىدۇق، تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغاندا، قاراتمىلىق ھالدا پىكىر ئالماشتۇردۇق، نازارەتچىلىكنى كېڭىشىش جەريانىغا سىڭدۈردۇق.

  (5) خىزمەت تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق. كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، تەكلىپلەرنى بېجىرىشتە كېڭىشىش چارىسى تۈزۈپ، تەكلىپنىڭ ھەممە ھالقىلىرىدا كېڭىشىشنى قېلىپلاشتۇردۇق. تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، رويخەتكە ئېلىش ئۆلچىمى ۋە تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈردۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى مەركەزلىك خىزمەتلەرگە ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىپ بەرگۈچى ۋە بېجىرگۈچى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەيدەكچىلىك نەتىجىلىرىنىڭ قوللىنىلىشىنى كۈچەيتتۇق. خىزمەت قوللانمىسى تۈزۈپ، خىزمەت تەرتىپىدە تېخىمۇ ئەستايىدىل، ئىلمىي بولدۇق. تەكلىپ خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانداق قىلىپ تەكلىپ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەكلىپ خىزمىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەكلىپلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇل – چارىسىنى كېڭەيتىش، تەكلىپ بېجىرگەندە ئۇچۇر قايتۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىش لازىملىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

  3. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەۋسىيە

  سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ بېرىشى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇھىم شەكلى، تەدبىر بەلگىلەشنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ قاراپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ – چوڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز، يېڭى ئىشقا تۇتۇش قىلىشىمىز كېرەك.

  (1) مۇھىم نۇقتىنى مەركەزلىك ۋەزىپىگە قارىتىمىز. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتەك زور مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ ئەقىل كۆرسىتىپ، كۈچ چىقىرىمىز، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چوڭ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭى قاتارلىقلارنى ياخشى قىلىشتا ئەقىل – پاراسىتىمىزنى ئايىماي، تەكلىپنىڭ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

  (2) سۈپەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىمىز. مەسىلىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېمىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كونكرېت ئىشلاردا ئەقىل كۆرسىتىپ، تەكلىپنىڭ قاراتمىلىقى، يولغا قويۇلۇشچانلىقىنى كۈچەيتىمىز. تەكلىپ بېجىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭىشىپ، مۇۋاپىق تەۋسىيەلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىرتۇتاش پىلانلاش – ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەكلىپ بەرگۈچى ۋە بېجىرگۈچى تەرەپكە مۇلازىمەت قىلىشتا بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىمىز. تەڭ كۈچ چىقىرىپ تەكلىپ سۈپىتى، تەكلىپ بېجىرىش سۈپىتى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاپ، تەكلىپ خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.

  (3) تەكلىپ بېجىرىشتە كېڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. كېڭىشىشنى تەكلىپ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىمىز. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور فاڭجېن – سىياسەتلىرى ۋە مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىش ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋاللىرىنى نازارەتچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تەكلىپ بېرىش ئارقىلىق كېڭىشىش شەكلىدىكى دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ قانات يايدۇرىمىز.

  (4) تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تەكلىپ بېجىرىشنىڭ كېڭىشىش چارىسى، تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاشقا ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، تەكلىپ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، تەكلىپ خىزمىتى نىزامىنى پەيتىدە تۈزىتىپ، تەكلىپ خىزمىتى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا سىلجىتىمىز.

   ئەزالار، يېڭى دەۋر خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپ خىزمىتىگە يېڭى بۇرچ يۈكلىدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تارىخىي مۇساپىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەكلىپ خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.