تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئاچچىقسۇ قان تومۇرىنى يۇمشىتامدۇ؟

 

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاچچىقسۇ ھەممە ئائىلىلەردە ھازىرلاشقا تېگىشلىك تەم خۇرۇچى، ئۇ ئىشتىھانى ئېچىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىدۇ، تۇزنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئاچچىقسۇ يېمەكلىكلەردىكى ئېرىشچان ۋىتامىن C نىڭ خىمىيەلىك قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە نىترىت كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ. يېمەكلىكلەردىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە يېمەكلىكلەرنى يېڭى كۆرسىتىشتە ئاچچىقسۇ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئاچچىقسۇنىڭ كىسلاتالىق رولى بار، لېكىن سىز ئاچچىقسۇنىڭ بۇ خىل رولى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قان تومۇرلىرىنى يۇمشىتىدۇ، دەپ قارىسىڭىز بەكمۇ خاتالاشقان بولىسىز.

    كىشىلەرنىڭ «قان تومۇرىنى يۇمشىتىدۇ» دېگىنى كۆپىنچە ھاللاردا ئارتېرىيە داغ پارچىلىرىنى يۇمشىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان بىر خىل قان تومۇرى كېسەللىكى بولۇپ، ئادەتتە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان مەزگىلدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىدىكى %60 تىن كۆپرەك ئادەمدە داغ پارچىلىرى بولىدىكەن. قېتىپ قالغان ئارتېرىيە داغ پارچىلىرى ئاساسلىقى كالتسىي ۋە ياغدىن تۈزۈلىدۇ، ئەگەر كالتسىينى ئاچچىقسۇغا چىلاپ قويساق ھەقىقەتەن ئېرىيدۇ، ئەمما قاندىكى كالتسىي ئېرىمەيدۇ.   

    ئاچچىقسۇنىڭ گەرچە كىسلاتالىقى بولسىمۇ، ئەمما ئاشقازانغا كىرگەندە قاننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشى بەك تەس. ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسى ھەر خىل مۇرەككەپ مېخانىزم ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئاچچىقسۇ ئىچىش ئارقىلىق قاننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسى تەڭشىلىپ قالمايدۇ. ئاچچىقسۇنى قارىغۇلارچە كۆپ مىقداردا ئىچكەندە بەدەنگە بىھۇدە زەخمە ئېلىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئاچچىقسۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان ئاتسېتىك كىسلاتانىڭ بەلگىلىك چىرىتىشچانلىق خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، ئاشقازان شىللىق پەردىسى ۋە قىزىلئۆڭگەچنى كۆيدۈرۈپ، قاتتىق ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ. گەرچە  ئاچچىقسۇ ئىچىش ئارقىلىق قان تومۇرىنى يۇمشىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ياخشى ھالەتنى ساقلىغاندىلا ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

ماتېرىيال سۈرەت

    بىرىنچى، تاماكا تاشلاش. تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە كاربون چالا ئوكسىد ئارتېرىيە ئىچكى دىۋارىنى زەخمىلەندۈرىدۇ، زەخمىلەنگەن ئارتېرىيە ئىچكى دىۋارى خولېستېرىننى «تۇتۇۋېلىپ» قان پىلاستىنكلىرىنىڭ يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياغ داغ پارچىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تاماكا چېكىش يەنە تاجىسىمان ئارتېرىيە تارىيىشنى پەيدا قىلىپ، سپازمىلىنىشنى ۋە  قان ئېقىم مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ.

    ئىككىنچى، ئۈچ يۇقىرى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش، قاندىكى ماي يۇقىرى بولۇش، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش نۇرغۇنلىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئارتېرىيە قېتىشمۇ شۇ ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئارىسىدىكى بىرى.

    ئۈچىنچى، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش. بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىپ كەتكەن، ياكى سېمىزلەرنىڭ  يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ ھەمدە قاندىكى ماينىڭ بىنورمال بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇنداق كىشىلەردە ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىش خەۋپى ئاشىدۇ.

    تۆتىنچى، چېنىقىشنى كۈچەيتىش. چېنىقىش ئارقىلىق بەدەندىكى ئارتۇقچە خولېستېرىننى  بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاپ، ئارتۇقچە خولېستېرىننىڭ قان تومۇرى دىۋارىدا يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.

    بەشىنچى، بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش. ئادەمنىڭ بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ئادرېنالىن كۆپ ئاجرىلىپ چىقىدۇ، بۇ سەۋەبلىك قان بېسىمى ئۆرلەپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، ئارتېرىيە قان تومۇرى دىۋارىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.

    ئالتىنچى، ساغلام ئوزۇقلىنىش. ياغ، خولېستېرىن قاتارلىقلار ئارتېرىيە قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى، شۇڭا بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى كونترول قىلىش كېرەك.

 

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى