تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 7–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 10– يىغىن ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 7 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ ئايرىم – ئايرىم بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى ھەم قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  يىغىن قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ شىنجى بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  يىغىن يۇقىرىقى قارار لايىھەلىرى ۋە تۈرلۈك ئىسىملىك لايىھەلىرىنى ھەيئەت رىياسىتى 10 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 10 – يىغىن ئۆتكۈزدى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 190، قاتناشقانلار 190 بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى پۈتۈن كۈن ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە تەشەببۇس قىلغانلىكى، خەلق ئېھتىياجلىقلىكى ئىشلارنى ۋاقتىدا بېجىرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېجىرىشكە تاپشۇرغان چوڭ ئىش ۋە مۇھىم ئىشلارنى كۆرۈنەرلىك ياخشى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، ئىخچام، ئېنىق ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ، يەكۈنلەنگەن تەجرىبىلەر ۋە تەسىراتلارنىڭ مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بوپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت توغرىسىدىكى تەكلىپ، تەسەۋۋۇر ئېنىق، ئەمەلىي ۋە سەمىمىي بوپتۇ، بۇ دوكلات ئىدىيەۋىلىكى، سىياسىيۋىلىكى، يېتەكچىلىكى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ياخشى دوكلات بوپتۇ. ۋەكىللەر ئومۇميۈزلۈك بۇ دوكلاتنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ۋەكىللەر بەرگەن پىكىر – تەكلىپلەرگە ئاساسەن، دوكلاتنىڭ يەتتە يېرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى ھەمدە دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى.

  يىغىن ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، قۇرۇلتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

   3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى پۈتۈن كۈن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2018 – يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يۇقىرىقى دوكلاتلارنى تەستىقلاشقا بىردەك قوشۇلدى. ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۆزلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى ھەم يۇقىرىقى دوكلات توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى.

  يىغىن ئايرىم – ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، قۇرۇلتاينىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ، نامزات ئىسىملىكىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىردەك بىلدۈرۈشتى. ھەيئەت رىياسىتى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى يۇقىرىقى باشقا خادىملار نامزاتىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەيىنلەشنى قارار قىلىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى غۇلغۇلا قىلىپ، نامزات ئىسىملىكىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىردەك بىلدۈرۈشتى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى ئايرىم – ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەخسۇس كومىتېتلار تەركىبىدىكى يۇقىرىقى خادىملارنىڭ رەسمىي نامزات ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋازغا قويۇشىغا سۇندى.

   ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.