تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۈگۈردە ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋىرى: بۈگۈر ناھىيەسى ئۆتكەن بىر يىلدا يېزا، بازارلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى زور كۈچ بىلەن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ياخشىلىنىپ، تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى . 

    بۈگۈر ناھىيەسى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى دۆلەت تىلى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت تىلىدىن خەۋەردار 104 دېھقان ياشنى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى خۇاشىن توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە، 133 ياشنى لوپنۇر ناھىيە شىنجاڭ توڭچۇاڭ ۋېييى توقۇمىچىلىق تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى . يېزا، كەنت ئاممىۋى ئىشلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ،  ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئەمگەك كۈچى يوق 863 نامرات كىشىگە ھەر ئايدا قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىش، ھەر بىر نامرات ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلدى .    

   تېخنىكا ئىقتىدار تەربىيەسى بىلەن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، «باھار يامغۇرى ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەردە 80 -، 90- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنى تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 1072 نەپەر كىشىنى تۈرلۈك تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ 758 نەپىرىنى زاۋۇت، كارخانىلارغا ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇردى . 11 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئېشىنچا ئەمگەكچىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 5000 يۈەندىن ئاشۇردى .                    

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى