تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ يىل ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇستا يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلەش پۈتۈنلەي ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

     شەھەر ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى خەۋىرى:  3-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لى كەي 63-يول ئاپتوبوسىغا ئولتۇرغاندا ئىككىلىك كودنى سېكانېرلاش ئارقىلىق ھەق تۆلەش سىسىتېمىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى، ۋە بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت تېلېفون بولسىلا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا پارچە پۇل تاپالماسلىقتىن ئەنسىرىمەيدىكەنمىز،-دېدى.

     مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى قىزىلتاغ ھەممىباب كارتا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ مەزكۇر شىركەتتىكى خادىملار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، 30-، 61-، 63-يول ئاپتوبۇسلىرىدىكى كارتا سۈرۈش ئەسىلىھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان.  شىركەت سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ شياۋشۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەتتە ئاپتوبۇس لىنىيەسىدە يانفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سېكانېرلاپ ھەق تۆلەش سىستېمىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.  ھازىر، باشقا ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغىمۇ يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلەش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىۋاتىمىز، بۇ يىل ئىچىدە پۈتۈن ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرىدە يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلەشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشتىن ئۈمىد بار.

    نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەردە يەتتە لىنىيەدىن باشقا 58-يول، 907-، 30-، 61-، 63-يول ئاپتوبۇسلىرىدا يانفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يانفوندا ھەق تۆلەپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇش ئۈچۈن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونغا «قىزىلتاغ ھەممىباب دېتالى» نى چۈشۈرۈپ، ھەقىقىي كىملىك بىلەن تىزىملاتقاندىن كېيىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. لۇ شياۋشۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەقىقىي كىملىك بىلەن تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، ھېسابىڭىزدا ئاز بولغاندا بىر يۈەندىن يۇقىرى قالدۇق سومما بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا،  «قىزىلتاغ ھەممىباب دېتالى» نى ئېچىپ، يانفون ئېكرانىدا كۆرۈلگەن كۆرۈنمە يۈزنى ھەق تۆلەش ئاپپاراتىغا توغرىلاپ ئىككىلىك كودنى سېكانىرلاش ئارقىلىق ھەق تۆلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. بېلەت باھاسىدا، ئوخشاشلا بىر يۈەنلىك بېلەت تۈزۈمى داۋاملاشتۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى