تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك چوڭكۆل مەھەللىسىدە يېشىل دەرسخانا ئېچىلدى

سۈرەتتە: تىيانشان رايونلۇق ئورمانچىلىق باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى (سولدىن سانىغاندا ئۈچىنچىسى) مەھەللە ئاھالىلىرىغا گۈل تىزىش، گۈل پەرۋىش قىلىشقا دائىر ئاددىي بىلىملەرنى سۆزلەپ بەرمەكتە

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى چوڭكۆل مەھەللە كومىتېتىدا يېشىل دەرسخانا ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ئىشىك ئالدىدا تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈش، گۈل تىزىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگەندى.
    يېشىل دەرسخانىدىكى تۇنجى دەرسنىڭ باش تېمىسى «تۇغقانلار بىرلىكتە گۈل تىزىشنى ئۆگىنىش» بولۇپ، 20 دىن كۆپرەك مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە تىيانشان رايونلۇق باغ-ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پائالىيەتكە قاتناشتى.
    خام ماتېرىيالنى قەيەردىن ئېلىش، ھەر خىل گۈللەرنى قانداق تىزىش، تىزغان گۈللەرنى قانداق ساقلاش...تىيانشان رايونلۇق باغ-ئورمانچىلىق ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، چوڭكۆل مەھەللە ئاھالىسى ياڭ فىڭچىن تۇغقىنى بىلەن بىللە گۈل تىزىشنى ئۆگەندى.
    20 مىنۇتتىن كېيىن، بىر كىچىك گۈل سىۋىتى ياسالدى. ياڭ فىڭچىڭ گۈل سىۋىتىنى كۆتۈرۈپ تۇغقىنى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ھەمدە چۈشكەن خاتىرە سۈرەتنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىر سىۋەت گۈلنىڭ ئىسمى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلى».
    بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن ياڭ فىڭچىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن گۈل بېقىشقا ئالاھىدە ھەۋەس قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاڭلىسام دائىم يېشىل دەرسخانىسى ئۇيۇشتۇرىلىدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن دەرس بولسىلا چوقۇم قاتنىشىمەن.
    چوڭكۆل مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ يىڭ مۇنداق دېدى: مەھەللىمىز شەھەر ئەتراپى رايونىغا جايلاشقان، قاتناش قولايسىز، مەھەللە بىلەن خىزمەت ئەترىتى قەرەللىك دەرس ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆپچىلىككە گۈل پەرۋىش قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرۈش ماھارىتىنى ئۆگىتىش، ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىسىنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش پائالىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى