تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

مۇكەممەل ئايالنىڭ سۈپەتلىرى...

    يىللار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋېرىدۇ، ئەمما قانداق قىلىپ ئادەتتىكىدەك بىر كۈننى گۈزەل ھېس-تۇيغۇلار ئىگە قىلىش ئايال بولغۇچىنىڭ ئىنچىكە ئويلىشىشىغا باغلىق. ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ، بەزىلىرى نازۇك يەنە بەزىلىرى ھېسسىياتچان كېلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا مۇكەممەل ئايال بولغىلى بولىدۇ؟ بەلكىم مۇكەممەللىكنىڭ تەلىپى ئۇنچە قاتتىق بولمىسا كېرەك، تۆۋەندىكى نەچچە شەرتنى ھازىرلىسىڭىزلا مۇكەممەل ئايال جۈملىسىدىن سانىلالايسىز.
    ئەستايىدىللىق
    نىكاھ ۋە مۇھەببەتلىشىش ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇم. مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرنىڭ كۆزىگە قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكى بەك كۆرۈنۈپ كەتمەيدۇ، ئەمما تويدىن كېيىن ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ كەمچىلىكلەر بىر-بىرلەپ ئاشكارىلىنىدۇ. ئەر كىشىنىڭ سىرتنىڭ، ئايالنىڭ ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان ئاساسىي پىكىر ئېقىمىدا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، ئەمما ئەرلەرنىڭ ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى بىپەرۋا بىر ئايالغا ئىشىنىپ تاپشۇرۇپ بېرىشى ناتايىن، شۇڭا ئالدىراقسانلىقىڭىز، بىخەستىلىكىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ.
    مۇلايىملىق

    نۇرغۇن ئەرلەر مۇستەقىل، چىرايلىق ئاياللارغا قارىغاندا قارىماققا ئادەتتىكىچە بولسىمۇ ئەمما مۇلايىم ئاياللارنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ. چۈنكى تۇرمۇش ئويۇن، نىكاھ چاقچاق ئەمەس. ھېرىپ-چارچاپ ئۆيگە قايتقاندا ھېچكىمنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن تەگەشكۈسى كەلمەيدۇ.

    ئاقكۆڭۈللۈك
    ئاقكۆڭۈللۈك ئىنساننىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى، ئائىلە قۇرغاندا ئاقكۆڭۈل ئايالنى تاللاش باشقا ھەر قانداق ئامىللاردىنمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.
    كەڭ قورساقلىق
   ئادەم مۇكەممەل بولمايدۇ، شۇڭا بۇ ئۆمرىدە ئازدۇر-كۆپتۇر سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ چاغدا ئادەم «ئوت ئۈستىگە ياغ چاچىدىغان» ئەمەس بەلكى كەڭ قورساقلىق بىلەن سەۋەنلىككە سۈكۈت قىلالايدىغان ھەمراھقا موھتاج بولىدۇ. كەڭ قورساقلىق بەرداشلىق بېرىش ئەمەس، بەلكى ئەپۇ قىلىش، چۈشىنىش دېمەكتۇر.
    ساداقەت
    بۈگۈنكى كۈندە ئاز ساندىكى كىشىلەر مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي مەناسىنى خۈنۈكلەشتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە نىكاھ ئويۇنغا ئوخشايدۇ، ئازراقلا كۆڭۈلسىزلىك بولسا ئاجرىشىپ ھەل قىلماقچى بولىدۇ. ساداقەتسىز ئاياللار ئەرلەرنىڭ چىن مۇھەببىتىگە نائىل بولالمايدۇ، ئۇلار باشقىلارنى ئويۇنچۇق ساناۋاتقاندا، ئۆزلىرى ئاللىقاچان قارشى تەرەپنىڭ دامىغا چۈشۈپ بولغان بولىدۇ-دە، چەكسىز پۇشايمان قىلىدۇ.

    ئۈمىدۋارلىق
    ھەممە كىشى غەم-ئەندىشىسىز، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدۇ، ئەمما تۇرمۇش ھەمىشە كىشىنىڭ ئويلىغىنىچە بولىۋەرمەيدۇ. ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىپ، ئائىلە قۇرغاندىلا تۇرمۇشنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك ئۇنچە رومانتىك ئەمەسلىكىنى، تۈرلۈك-تۈمەن باش قېتىنچىلىقلىرىنىڭ ھەمىشە سىزگە بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز. بۇنداق چاغدا ئاغرىنىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا ئۈمىدۋارلىق ئاياللار ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ماھارەت ھېسابلىنىدۇ.
    قەيسەرلىك
    ھېچكىم ئەتە قانداق ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىغا جەزم قىلالمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بېشىڭىزغا ئاللىقانداق كۈلپەتلەر كېلىپ قېلىشى، پۈتۈن ئائىلىنىڭ يۈكى زىممىڭىزغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا ياش تۆكۈش بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ، كارغا كېلىدىغىنى يەنىلا قەيسەرلىك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى