تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە بازىرى تىرانسپورت كۈچىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ‏ئاۋىياتسىيە لىنىيە تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ‏

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى. كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يازلىق ۋە كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە بازىرى سېلىنمىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىدۇ ۋە تاللاش تەمىنلەيدۇ.

  جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ 2018-يىللىق يازلىق ۋە كۈزلۈك يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرىدۇ. ھەرقايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بازار ئېھتىياجى بويىچە يېڭى پىلانلارنى يولغا قويدى. ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يولغا قويغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل شىنجاڭغا چېتىشلىق تىرانسپورت كۆلىمى، ئاۋىياتسىيە تورى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زور نىسبەتتە كۆتۈرۈلگەن.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بازار سېتىش تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى شۈ جيەنمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى دۆلەت ئىچى لىنىيەسىدىن شىنجاڭدا يېڭىدىن 11 نى تەسىس قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شىنجاڭدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازارلار بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئارىسىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى قولايلىق كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ. مەسىلەن، غۇلجا-كورلا-جېڭجۇ، قاراماي-جېڭجۇ-گۇاڭجۇ، غۇلجا-شىنىڭ-چاڭشا قاتارلىق لىنىيەلەردە ئۈرۈمچىدە توختىمايلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەرگە بارغىلى بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل 6-ئايدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن پاكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى لاھورغا قاتناشتىكى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ، بۇ لىنىيەدە ھەر ھەپتىدە ئىككى نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ؛ ئۈرۈمچى- ساينت پېتېربۇرگ، ئۈرۈمچى-نوۋوسىبىرسكى ۋە ئۈرۈمچى-تەيبېيگە بېرىپ-كېلىشتىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ يېڭى ئاۋىياتسىيە پەسلىدە يېڭىدىن ئۈرۈمچى-جىنەن، قۇمۇل-جىنەن، ئۈرۈمچى-فۇجۇ قاتارلىق شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاتناشتىكى ئالتە يېڭى لىنىيەنى كۆپەيتىدۇ، بۇ شىركەت يەنە 10 يېڭى ئايروپىلان كىرگۈزۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلارغا ئۇچىدىغان خەلقئارالىق لىنىيەلەرنى بارا-بارا ئېچىشنى پىلانلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى