ئاھالىلەر 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى كازىۋەن بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جيايۈەن مەھەللە كومىتېتى پائالىيەت مەركىزىدە ئاھالىلەر مەھەللە ياشانغان خەتتاتلار ۋە رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلانماقتا.
مۇخبىرىمىز جاۋ زىشۈەن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سۈن چىفاڭ خەۋىرى، فوتوسى: ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى كازىۋەن بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جيايۈەن مەھەللە كومىتېتى پائالىيەت مەركىزىدە مەھەللە ياشانغان خەتتاتلار ۋە رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەسەرلىرى ئېسىلىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر، قوشماقلاشقان تۇغقانلار ۋە كىچىك دوستلارنى جەلپ قىلدى.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ كازىۋەن بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جيايۈەن مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى جيايۈەن مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش · قوشنىلار رەسىم يىغىلىشى» باش تېمىسىدا خەتتاتلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە يەنە شىنجاڭ پېشقەدەم كادىرلار خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى شى يۇڭچياڭ كۆپچىلىككە قەلەم تۇتۇش قىياپىتى ۋە خەنزۇچە خەتتىكى ئاساسىي سىزىقلارنى يېزىش ماھارىتىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.
توققۇز ياشلىق شيې يىڭبو ئۈرۈمچى شەھەرلىك 84-ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىق 2-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۇ ئۆزى يازغان خەتنى يېنىدىكى ساۋاقدىشىغا كۆرسىتىپ: «مېنىڭ يازغان خېتىم چىرايلىق چىقىپتىمۇ، مۇئەللىم بۇ خەت ماھارەتنى ئەڭ ياخشى مەشىقلەندۈرىدۇ، دېگەن ئىدى» دېدى. بۇ ئۇنىڭ مەھەللە خەتتاتلىق دەرسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ئىدى.
مەھەللە ئاھالىسى خاسېنلى ئابۇلخاسىم مۇنداق دېدى: «خەتتاتلىق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىلگىرى خەتتاتلىقنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن بوش ۋاقتىم بولسىلا خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن».