سۇ شەھىرى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر تۇنجى بولۇپ چوقۇم ئىتالىيەنىڭ ۋېنىتسىيە شەھىرىنى ئەسلەيدۇ. لېكىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتىدەك يەنە نۇرغۇن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سۇ شەھەرلىرى بار. ئەمما بۇ قېتىم كۆپچىلىككە تونۇشتۇرىدىغىنىمىز ۋېنىتسىيەگە ئوخشاش ياۋروپا جىلۋىسىگە تولغان سۇ شەھىرى بولۇپ، بۇ دەل گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردام.
ئامستېردام ئىلگىرى بىر بېلىقچىلىق كەنتى بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ چوڭ شەھەرگە، شۇنداقلا گوللاندىيەنىڭ سىياسىي مەركىزىگە ئايلانغان. ئۇ گۈللەنگەن شانلىق دەۋرنىمۇ، دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ سىناقلىرىنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە. ئۇنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان تەرىپى ئېرماش-چېرماش قانال تورى بولۇپ، بۇ شەھەردىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىرىلىمۇ دەل مۇشۇ تەخمىنەن 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان قانال بەلبېغىغا مەركەزلەشكەن.
ئامستېردامدىكى قانال بەلبېغى 400 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھازىرغىچە تەرەققىي قىلىپ 100 نەچچە ئارالغا تۇتاشتى. 160 نەچچە قانال، 1281 كۆۋرۈكتىن تەركىب تاپقان 75 كىلومېتىرلىق بۇ قانال تورى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «سۇ شەھىرى»نى ھاسىل قىلغان.