تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2020-يىلىغىچە ئېلىمىزدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورنىڭ بازارغا سىڭىپ كىرىشى %90 تىن ئاشىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. تىزگىنەك ئىشلەتمەي، ئېكران بىلەن «پاراڭلىشىش»، قايسى پىروگراممىنى كۆرگۈسى بولسا شۇنىڭغا يۆتكىلىش...سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە ئېلېكتىر ساھەسىدىمۇ «ئەقىل-پاراسەت» دولقۇنى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئائىلە ئېلېكتر ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىشنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن. 2020-يىلىغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورنىڭ بازارغا سىڭىپ كىرىش نىسبىتى %90 تىن ئاشىدىكەن.
    سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىلىرى ئىچىدە ئاۋازلىق پاراڭلىشىش تېخنىكىسى ئەڭ ئاۋۋال ئىشلىتىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، كۈچلۈك بازار يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلغان. مۇشۇ تېخنىكا ئاساسىدا ياسالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور كېيىنكى «ئۆتكەل» دەپ قارىلىپ، نۇرغۇن ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىۋېتىپتۇ. پەرەزلەردە كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى 2020-يىلىغىچە ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى كارخانىلىرىغا 47 مىليارد دوللار كىرىم يارىتىپ بېرىدىكەن.
    «بەيدۇ» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لى يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىل بۇرۇن تىزگىنەك ئادەم بىلەن تېلېۋىزور ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتكەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تېلېۋىزورنى ئابۇنىچىلارنى تېخىمۇ چۈشىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتى. «بەيدۇ» شىركىتىمىز يېقىندا «چۇاڭۋېي» شىركىتى بىلەن چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈزدۇق.
    سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىكىلەر مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىم، ئالاقە تورى، ماشىنىلىق ئۆگىنىش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزوردا قوللىنىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئەقلىيلىشىش دەرىجىسى، قوللىنىشچانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى قوللايمىز. بۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆلچەپ باھالاش، ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىدۇ ھەمدە ئومۇملاشتۇرىدۇ. 2020-يىلىغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تۈرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورنىڭ بازارغا سىڭىپ كىرىش نىسبىتى %90 تىن ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى