تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ئاتا-ئانىلىق بۇرچىڭىزنى ئادا قىلدىڭىزمۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىنى تەربىيەلىمەسلىك ئاتا-ئانىنىڭ سەۋەنلىكى.  پىسخولوگلارنىڭ ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بالىنىڭ ئىندىۋېدۇئال تەرەققىياتى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش پوزىتسىيەسى ۋە تەربىيەلەش ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز دائىم كۆرۈلىدىغان بىر نەچچە خىل ئاتا-ئانىلار تىپىنى ۋە بالىنىڭ ئىندىۋېدۇئال ئالاھىدىلىكىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. 

ماتېرىيال سۈرەت

    بىرىنچى، «نوپۇزلۇق تىپى» دىكى ئاتا -ئانىلار. بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەم بالىنىڭ مۇستەقىللىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىدە چىڭ تۇرىدۇ. كىشىلەر: «بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇسۇلى بالىدا ئۆزىگە ئىشىنىش، قانائەت قىلىش، مۇستەقىللىق، ئىزدىنىشكە ماھىر بولۇش، ئۆز-ئۆزىنى تونۇش، ئالاقىگە ماھىر بولۇشتەك خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ».

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىككىنچى، «ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش تىپى» دىكى ئاتا-ئانىلار. بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بالىغا نىسبەتەن ھەم قاتتىق تەلەپ قويمايدۇ، ھەم مۇكاپاتلاش بىلەن جازالىشى ئېنىق ئەمەس، بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالا ئاسان پىشىپ يېتىلەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تايىنىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆزىنى كونترول قىلىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ناتونۇش مۇھىت ياكى يېڭى شەيئىلەرگە يولۇققاندا ئاسان قورقىدۇ، بەل قويۇۋېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، «مۇستەبىت تىپى» دىكى ئاتا-ئانىلار. بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بالىغا زومىگەر، مۇستەبىت، بۇنداق ئاتا-ئانىلار تەربىيەلىگەن بالىلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل، خىيالچان، قورقۇنچاق، گۇمانخور، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئۆزىنى تەربىيەلەش ئىپادىسىمۇ ئادەتتىكىدەك بولىدۇ.

    يىغىنچاقلىغاندا، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزىقىشى، ھەۋىسى، ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى، سۆز-ھەرىكىتى، ھەتتا كىيىنىشىمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلاردا تەربىيەلىنىشى كەمچىل، سۆز -ھەرىكىتى قوپال، ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان، يامان گەپلەرنى كۆپ قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

«ئاتا-ئانىلار قوللانمىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى