تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياڭاق قاغىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بايلىقىغا ئايلاندى

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى. نۇرئەلا مەمەت ناھايىتى چاققان بولۇپ، ئىككى ياشلىق بالىسى ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرسىمۇ، ياڭاق مېغىزىنى ناھايىتى تېز ئايرىيالايدۇ.
    -چېقىپ قويغان ياڭاقلاردىن مېغىزىنى ئېلىپ تۈرگە ئايرىيمىز، مەن ئىشنى چاققان قىلىمەن، بالامنى بېقىپ يۈرۈپ بىر كۈندە يەنە 50-60 كوي پۇل تاپالايمەن. بۇنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيدىكىلەرگە تاماق ئېتىپ بېرىشىمگىمۇ دەخلىسى بولمايدۇ،- دېدى نۇرئەلا مەمەت. ئۇ قاغىلىق ناھىيەسى غوجىئېرىق يېزىسىدىكى دېھقان. ئۆيى بىلەن ئارىلىقى بىر كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان كىچىك زاۋۇت ئۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بېرىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي. نۇرغۇن ئاچا-سىڭىللار ئىشتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىدا بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئىشلىگىلى بارىدۇ. كۆپچىلىك پاراڭلاشقاچ ئىشلەپ، ئايدا مىڭ نەچچە يۈز يۈەن كىرىم قىلىپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى.
    ياڭاقلىق كۆلىمى 580 مىڭ مو كېلىدىغان قاغىلىق ناھىيەسىدە 2017-يىلى ياڭاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 120 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇدا مول ھوسۇل ئالغانلىقتىن، يەرلىكتىكىلەر ياڭاقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ھەر بىر يېزا-بازاردا ياڭاقنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش كىچىك زاۋۇتىدىن ئاز دېگەندە بىرى قۇرۇلدى. پۈتكۈل ناھىيەدە 313 كەنت بار بولۇپ، ھەممە كەنتتە ياڭاق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ياڭاق ۋاستىچىلىرى بار بولدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېغىر نامرات 133 كەنتتە قۇرۇلغان كىچىك زاۋۇتلار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭىقىنى سېتىۋېلىپلا قالماي يەنە دېھقانلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياڭاقنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
    قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گوپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر ناھىيەمىزدە ھەر بىر ئائىلىگە 6.5 مو ياڭاقلىق، كىشى بېشىغا 25 تۈپ ياڭاق توغرا كېلىدۇ. ناھىيەدىكى ياڭاق زاۋۇتلىرى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ناھىيەمىزدىكى 15 مىڭ ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۈزۈكسىز كېڭەيتىلىۋاتقان ياڭاقچىلىق كەسپى ۋە ياڭاقنى ئاساس قىلغان ساياھەت كەسپى ئىلگىرى پۇلغا يارىمايدىغان توپا باسقان ياڭاقلارنى دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەيدىغان بايلىققا ئايلاندۇردى. ياڭاق دەرىخى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» كە ئايلاندى. ناھىيەمىزدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ يېرىمى ياڭاقتىن قىلىندى. ناھىيەمىزنىڭ ياڭاق ئىگىلىكىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.
    كوئىنلۇن تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان قاغىلىق ناھىيەسى شىنجاڭدىكى كۆك نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرى. يەرلىكتىكىلەر «ياڭاق يېزىسى» دىن ئىبارەت چىرايلىق نام ۋە ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ياڭاق ئۆستۈرۈش بازىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياڭاقچىلىق كەسپىنى تەرەقىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. 2010-يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيەدىكى 25 مىڭ ئائىلىلىك ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ياڭاقچىلىق كەسپى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
    قۇرۇلغىنىغا بەش يىل بولغان «مېيجيا» يېمەك-ئىچمەك زاۋۇتى يەرلىكنىڭ ياڭىقىنى سېتىۋېلىپ، يەرلىكتىكى دېھقانلارنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ، پىششىقلاپ ئىشلىگەن ياڭاق تالقىنى، ياڭاق سۈتى، ياڭاق يېمەكلىكلىرى قاتارلىقلارنى مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىغا ساتتى. ھازىر قاغىلىق ناھىيەسىگە ماكانلاشقان ياڭاقنى خام ئەشيا قىلغان خېلى كۆپ كارخانا ياڭاق يۈرۈشلۈك ئىچىملىكلىرى، ياڭاق مېيى، ئاقسىل تالقىنى، ياڭاق شاكىلى (ياڭاقنىڭ ئىچىدىكى ئايرىغۇچى شاكال) نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش چېيى، ياڭاق شۆپىكى ئاكتىپ كاربونى قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ياڭاقنىڭ ھۆل پوستىدىن تارتىپ، شاكىلى، مېغىزىغىچە ئۈنۈملۈك پايدىلاندى. ياڭاقچىلىق كەسپى يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىكى«يېشىل بانكا» غا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى