تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئافرىقىدا ئېغىرلىقى 910 كارانتلىق ئالماس 250 مىليون يۈەن يۇقىرى باھاغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

    يېقىندا ئېغىرلىقى 910 كارانتقا يېتىدىغان تەبىئىي ئالماس بېلگىيەدە 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 250 مىليون يۈەن )غا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى. بۇ ئالماسقا «لېسوتو رىۋايىتى» دەپ نام قويۇلغان بولۇپ، ئافرىقا دۆلىتىدىكى لېسوتو ئالماس كانىدىن بايقالغان. ئۇ دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان بەشىنچى چوڭ ئالماس بولۇپ، بۇ تەبىئىي ئالماسنى ئالقىنىڭىزغا قويسىڭىز بىر گولوف توپنىڭ چوڭلۇقىدا بار ئىكەن.

    بۇ ئالماس بىر نامسىز سېتىۋالغۇچى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. لېسوتو ئالماس كانى بايقالغان ئالماسلىرىنىڭ چوڭلۇقى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن داڭق چىقارغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئالماسلار دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىلىدۇ. 2015-يىلى بۇ كان قازغان 357 كارانتلىق ئالماس 1 مىليون 930 مىڭغا دوللارغا سېتىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2006-يىلى ئېغىرلىقى 603 كارانت كېلىدىغان «لېسوتو ۋەدىسى» ناملىق ئالماس بايقالغان.

    لېكىن ئالماس قانچە چوڭ بولسا شۇنچە پۇلغا يارايدۇ دېيىش خاتا، 2017-يىلى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ، ئېغىرلىقى 1100 كارانتلىق ئالماس 53 مىليون دوللارغا سېتىلغان. شۇ ۋاقىتتا بايقالغان ئېغىرلىقى 813 كارانتلىق ئالماس، 63 مىليون دوللارغا سېتىلىپ، باھا جەھەتتە 10 مىليون دوللار يۇقىرى بولغان.

    2018-يىلى يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، لېسوتو ئالماس كېنىنى كۆتۈرە ئېلىۋالغان ئۈنچە-مەرۋايىت شىركىتى ئېغىرلىقى 100 كارانتتىن يۇقىرى ئالتە چوڭ ئالماسنى قازغان، بۇ 2016-يىلى بىر يىلدا بايقالغان ئالماسلاردىن كۆپ بولغان. بۇ كان ئىشلەپچىقارغان ئالماسلارنىڭ ئوتتۇرىچە كارانتلىق باھاسى 2000 دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئالماس كانلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ياراتقان.
     دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالماس 1905-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پروتورىيا شەھىرى ئەتراپىدىكى كاندىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 3106 كارانت كەلگەن،كېيىن چوڭ-كىچىك ئىككى پارچىغا بۆلۈپ، ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ تاجىغا ئورنىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى