تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيلىرىگە بولغان كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسى كېڭەيتىلدى ‏

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى. ھازىر ئۈرۈمچىدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە نوپۇس، ياش دوختۇر، ياش ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەۋەلىكىدىكى مەھەللە كومىتېتى ياكى رايونلۇق، ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى، شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى مۇلازىمەت زالىدا ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئولتۇراق ئۆي كاپالىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆينىڭ «ئاساسلىق كۈچى» بولغان ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنىڭ ئەۋزەللىكى بولسا قاپلاش دائىرىسى كەڭ، جانلىق ھەم ئادىل ئىكەن. ھازىر ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، ئوتتۇراھالدىن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، سىرتتىن ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەنلەر ھەمدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن باشقا، يەنە يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە نوپۇس، ياش دوختۇر ۋە ياش ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلار قوشۇلغان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىم ئۆلچىمى 3085 يۈەندىن تۆۋەن ھەمدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمى 13 كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولغانلار ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

  ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتىدە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ شەرتى باشقىلار بىلەن ئوخشاشمايدۇ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا كىرىم چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدە سېلىنغان ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيلىرى ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار بولۇپ، يەككە ئۆي كۆلىمى ئادەتتە 35-60 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كونترول قىلىنغان.

  بۇ يىللىق ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەش، كۆپ يولدا كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجارە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ ئۆي تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە بازىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى