ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، باي ناھىيەسى سايرام بازىرىنىڭ لاپا كەنتىدە ئۇزۇنلۇقى 15 مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 4 مېتىر كېلىدىغان بىر ئورەك كولاندى. ئەتراپتىكى يۇرتداشلار بۇ ئورەكنىڭ نېمە ئۈچۈن كولانغانلىقىغا ھەيران بولۇشىۋاتقانىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى لاپا كەنتىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ۋە كەنتتىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن «ئۈچ بىرلەشمە گەندە ئورىسى» ياساشنى قارار قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ لاپا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ فېڭيو ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ چىرىتىش ئورىسى 30 ئائىلىنىڭ سۇ چىقىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. كەنتتىكىلەر ئەمدى زامانىۋىي ھاجەتخانا ئىشلىتەلەيدۇ. چىقىرىندىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدىن باشقا، «ئۈچ بىرلەشمە گەندە ئورىسى» ئارقىلىق گەندىلەر ئېچىتىلىپ، دېھقانچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوغۇتقا ئايلاندۇرىلىدۇ. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، بىز يەنە بەشدىن يەتتىگىچە گەندە ئورىسى ياساپ، كەنتتىكى 250دىن ئارتۇق ئائىلىنى زامانىۋىي ھاجەتخانا ئىشلىتىش شارائىتىغا ئىگە قىلىمىز.
بۇ گەندە ئورىسىنىڭ رولىنى بىلگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىكىدىن بەس-بەستە قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ ئىشچىلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.
كەنت ئاھالىسى مۇتەللىپ ھىمىت مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە بىزمۇ شەھەرلىكلەردەك زامانىۋىي ھاجەتخانا ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق. بىزمۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تېزراق تاماملىنىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچىمىزنى چىقىرىمىز.
كەنت ئاھالىسى ئايزىمگۈل تۇنىياز خوشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: بەك چوڭ خۇشاللىق ئىش بولدى. زامانىۋىي ھاجەتخانىلار ھەم قولاي، ھەم پاكىز. گەندىلەرنى ئوغۇتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، يېرىم كېچىلەردە قول چىراغنى كۆتۈرۈپ ھاجەتخانىغا چىقىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما شىجۈن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، « يېزا-كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېزىلاردىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۈچ يىل تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ‹‹ھاجەتخانا ئىنقىلابى››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەسىنى ياخشىلاپ، دېھقانلار خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىپ، ياخشى ئېكولوگىيەنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تايىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك»،- دەپ تەكىتلىگەن. خىزمەت ئەترىتىمىز كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، لاپا كەنتىنى خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، گۈزەل يۇرت-ماكانغا ئايلاندۇرىمىز.