ماتېرىيال سۈرەت
ئاۋسترالىيە مېلبورن خان جەمەتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كۈندە 6 مىليون توننىغا يېقىن قەھۋە قالدۇقى ئەخلەت تىندۇرۇش مەيدانىغا تۆكۈۋېتىلىدىكەن، ئەمما قەھۋە قالدۇقىنىڭ بىيولوگىيەلىك يېقىلغۇ، ساغلام يېمەكلىك ۋە ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشتىكى چەكسىز ئىشلىتىلىش قىممىتىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
ئالاقىدار ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، قەھۋە قالدۇقى ئاز دېگەندە 98 كۈن ئېچىتىلىپ، تولۇق پارچىلانغاندا، ئۆسۈملۈكلەر ئاندىن ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن كالىيلىق ئوغۇتتىن مەنپەئەتلىنەلەيدىكەن. قەھۋە قالدۇقى خىمىيەلىك ئوغۇت ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى بىر خىل تەبىئىي مۇھىت ئاسرايدىغان ھەمدە ئەرزان بولغان تاللاش بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەيدىكەن.
ماتېرىيال سۈرەت
قەھۋە قالدۇقىنى يەنە خام ئەشيا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆپ خىل خىمىيەلىك ماددىلارنى ياسىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: فېرمېنت ۋە ھورمون ھەمدە يوقىتىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىدىغان بىيولوگىيەلىك بىرىكمىلەر، ياكى زەمبۇرۇخ ۋە گۈمبەمەدەك تۈرىدىكىلەرنى يېتىشتۈرۈشكە بولىدۇ.
قەھۋە قالدۇقىدىن ئايرىۋېلىنىدىغان يەنە بىر خىل ماددا خىلوروگېنىك كىسلاتانىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، راكقا تاقابىل تۇرۇش ھەمدە نېرۋىلارنى ئاسراش رولى بار. قەھۋە مېيى ھەتتا لوندوندىكى كوچا ئاپتوبۇسلىرىنىڭ يېقىلغۇسى قىلىنىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
قەھۋە قالدۇقىنىڭ بۇنچە كۆپ يوشۇرۇن ئىشلىتىلىش قىممىتى بولسىمۇ، نېمىشقا كىشىلەر بۇ قىممەتلىك بايلىق مەنبەسىنى تاشلىۋېتىدۇ؟ ئالاقىدار تەتقىقاتچى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: قەھۋە قالدۇقىنى قىممىتى بار مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ يىغىۋېلىش پىلانى يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرماقتا، لېكىن قەھۋە ئىستېمالىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بەزى كارخانىلار قەھۋە قالدۇقىنى سودا جەھەتتىن پىششىقلاپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي چوقۇم بىر يۈرۈش پىشىپ يېتىلگەن پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى بارلىققا كېلىپ، قەھۋە قالدۇقىدىكى گۆھەرنى تولۇق ئايرىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ماتېرىيال سۈرەت