تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى شەھرىدە بۇ يىل 130 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش پىلانلانماقتا

    ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا مۇخبىرنىڭ سانجى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى ئىچىدە سانجى شەھىرىدە 132 مىڭ 100 مو كۆلەمدە ئورمان بەرپا قىلىش پىلانلانغان.

    ئىگىلىنىشىچە، سانجى شەھىرىدە 2018-يىلدىن 2020-يىلغىچە دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرى بەرپا قىلىش، ئومۇمى خەلق كۆچەت تىكىپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شەھەر- بازارلارنىڭ كۆكەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يول كۆكەرتىش، باغچا قۇرۇلۇشى، يېشىل كەسىپ بىلەن كىرىمنى كۆپەيتىش قاتارلىق سەككىز چوڭ ھەرىكەت ئارقىلىق پۈتۈن شەھەردە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆكەرتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان «يېشىللىق قەد كۆتۈرگەن گۈزەل سانجى» بەرپا قىلىش ئەندىزىسىنى يارىتىش پىلانلانغان.

    سانجى شەھىرى، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە يېڭىدىن 322 مىڭ مو ئورمان كۆلىمى بەرپا قىلىپ پۈتۈن شەھەرنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمىنى 4 مىليون 150 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %20 ئاشۇرۇپ، شەھەر-بازارلارنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %40 كە يەتكۈزۈش؛ شەھەر ئىچىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچا كۆلىمىنى 13 كىۋادرات مېتىرغا، باغچىلارنىڭ سۇ ۋە يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %80 كە؛ يوللارنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %85 كە؛ يېزا- بازارلارنىڭ %30 كە؛ ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنىڭ تېرىلغۇ يەردە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %8 كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى