مۇخبىرىمىز فەن گوبىن خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA) چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 123 كە قارشى 99 نەتىجىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ، 2 گە قارشى 0 ئومۇمىي نەتىجىدە كەينىدە قالدى.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن بلاتچې 31 نومۇر، گاردىن قايتقان سەككىز توپ ئالدى، ئادامس 27 نومۇر، گاردىن قايتقان تۆت توپ ئېلىپ، بەش قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، لى گېن 16 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى؛ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن جوۋ پېڭ 23 نومۇر، گاردىن قايتقان ئالتە توپ ئالدى، سلوئان 22 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپ ئېلىپ، 12 قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، جاۋ رۈي 21 نومۇر، گاردىن قايتقان ئالتە توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، يى جيەنليەن 14 نومۇر، گاردىن قايتقان 12 توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى.