شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تارىم نېفىتلىكى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، تارىم نېفىتلىكى يېڭى مەھەللە نېفىتلىك-گازلىقى جەمئىي ئىشلەپچىقارغان نېفىت سۇيۇقلۇقى 10 مىليون توننىدىن ئاشقان بولۇپ، جەمئىي ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز مىقدارى 24 مىليارد 540 مىليون كۇب مېتىر بولغان.
يېڭى مەھەللە نېفىتلىك-گازلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىم نېفىتلىكىدىكى گاز يىغىش تۇرۇبا لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، تەۋەلىك رايوندىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك-گازلىقى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى مەھەللە نېفىتلىك-گازلىقى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسلىق گاز مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارغا ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.