تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئېلىمىز ئالىملىرى ئىنسانلار تۆرەلمىسىنىڭ سىرىنى يەشتى

ماتېرىيال سۈرەت

    مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ئاكادېمىيەنىڭ بېيجىڭ گېن گۇرۇپپىسى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئىنسانلار تۆرەلمىسىنى تەرتىپلىك گېن بىلەن ئىپادىلەپ، تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنال «ھۈجەيرە» دە ئېلان قىلىنغان.

    ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن باشلىنىدۇ، بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ قانداق قىلىپ 200 خىلدىن ئارتۇق ھۈجەيرە تۈرىگە ھەمدە 36 مۇھىم ئەزانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ ئورگانىزم بولۇپ يېتىلىشى ھاياتلىق ئىلمىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. 

    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ گېن گۇرۇپپىسىدىكى ليۇ جياڭ كوللېكتىپى شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقى كۆپىيىش دوختۇرخانىسىدىكى چېن زىجياڭ كوللېكتىپى ۋە گۇاڭجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ليۇ جيەنچياۋ كوللېكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەتقىقات ماتېرىيالى كەمچىل بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مىكرو ھۈجەيرە تەتقىقات ئۇسۇلىنى قۇرۇپ چىقىپ، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئىنسانلار تۆرەلمە گېن گۇرۇپپىسىنى قوزغىتىش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلدى. 

ماتېرىيال سۈرەت

    ليۇ جياڭ مۇنداق دېدى: «ھاياتلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، يېتىلىش ئېھتىياجىنىڭ بەدەندىكى گېن بېكىتىكەن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئالاھىدە ۋاقىت ۋە جايدا تەرتىپلىك ھالدا ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياننىڭ گېن ئىپادىلەش تەھرىرى، دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن چۈشىنىپ يەتتۇق، بۇ خۇددى كومپيۇتېر پىروگراممىسىنىڭ كومپيۇتېر تىلى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ گېننى ئىپادىلەيدىغان تەرتىپىنىڭ بىر خىلى بولغان <پىروگرامما تۈزۈش تىلى> خىروموسومنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ھالىتىدۇر. بىزنىڭ بۇ قېتىملىق بايقىشىمىز دەل بۇ خىل <پىروگرامما تۈزۈش تىلى> نىڭ قانداق قىلىپ ئىنسانلار تۆرەلمە گېن ئىپادىلىشىگە قوماندانلىق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى».

ماتېرىيال سۈرەت

    پەن تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىنسانلار تېنىدىكى ھەر خىل ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك زور مىقداردا گېن ئىپادىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى، ئادەم ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن تەخمىنەن ئىككى كۈنگىچە ئالاھىدە بولۇپ قالىدۇ، بۇ مەزگىلدە تۆرەلمىدە ھېچقانداق گېن ئىپادىلىنىشى بولمايدۇ.

    قانداق قىلغاندا ئادەملەرنىڭ گېنى ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ؟ قايسى گېنلار ئاۋۋال ئىپادىلىنىدۇ؟ قايسى گېنلار كېيىن ئىپادىلىنىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر ئىزچىل تەتقىقاتنىڭ قىيىن نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن. ليۇ جياڭ قاتارلىقلار ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىنى ئىپادىلەشنى قوزغىتىدىغان ھالقىلىق مولېكۇلا (Oct4) نى تاپقان، تەدرىجىي ئۆزگىرىش تارىخىدا ئەڭ ئاۋۋال پەيدا بولغان گېن (كونا گېن) نىڭ ئاۋۋال ئىپادىلىنىدىغانلىقى، ئاخىرىدا پەيدا بولغان گېننىڭ  ئاخىرىدا ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان.  ليۇ جياڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ھۈجەيرىنىڭ بېكىتىلگەن تەرتىپىدە ئەڭ ئاۋۋال كونا گېن تەڭشىگۈچى ئېچىۋېتىلگەن».

ماتېرىيال سۈرەت

    مەزكۇر تەتقىقات يەنە ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر يېڭى مېخانىزمنى ئېچىپ بەرگەن. DNA  تەرتىپىدە تىرانسپوزون دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل بۆلەك بار، بۇلار دائىم دېگۈدەك بىر رايوندىن يەنە بىر رايونغا يۆتكىلىدۇ، بۇ خىل  يۆتكىلىش DNA نىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئىنسانلاردا تەدرىجىي تەرەققىياتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تەتقىقاتچىلار مەزكۇر تەتقىقاتتا تىرانسپوزوننىڭ ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئۇنىڭ (تىرانسپوزون)  تۆرەلمىدە ھەرىكەت ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى سەۋەب بولغان، بۇ دەل ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلغان، لېكىن بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پەقەت تۆرەلمىدە بولسىلا كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى