يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى
بۈگۈن (3-ئاينىڭ 17-كۈنى) چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
يىغىن قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.
يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.