تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى»

  (2018– يىلى 3– ئاينىڭ 15– كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13– نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنىدا ماقۇللانغان)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

   بۇ قېتىمقى يىغىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان مۇھىم پەيتتە چاقىرىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى. يىغىن يولداش يۈ جېڭشېڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى، يولداش ۋەن گاڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئەزالار مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، رېۋىزىيە قانۇنىنىڭ لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى مۇزاكىرە قىلدى، يۇقىرىدىكى دوكلات ۋە ھۆججەتلەرگە قوشۇلدى ھەمدە پىكىر – تەكلىپ بەردى. بارلىق ئەزالار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تەكلىپ بېرىش، چوڭ يىغىندا سۆزگە چىقىش، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى، جەمئىيەت ئەھۋالى – خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى ئوبرازى ۋە يېڭى رولىنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئەمەلىيەتچىل بولۇپ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات بىلەن تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ئەۋزەللىكى، ئالاھىدىلىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان، دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل بولغان، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجە يارىتىپ ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ياساپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يېڭى دەۋرگە ئېلىپ كىردى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا راۋاجلىنىشى ۋە راۋاجلىنىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق ۋە دېموكراتىك بولغان، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن ۋە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى ۋەزىيەتنى يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭداشسىز مۇھىم رول ئوينىدى ۋە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي، ئىدىيە، نەزەرىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر قاتلام، ھەر ساھە زاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى لازىم.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار، چياۋمىنلار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى نۇقتىلىق تەكىتلەپ، يېڭىچە پارتىيەلەر تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ تۈزۈمنىڭ مول مەزمۇنى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى مۇپەسسەل بايان قىلدى، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك پارتىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹1 – ماي شوئارى››نى ئېلان قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىيە شەكلىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. يىغىندا بىردەك مۇنداق دەپ قارالدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ماقۇللىنىشى ۋە ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە ھىمايە قىلىش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋجلاندۇرۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئاساسىي قانۇننى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ــــ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئۆزگىرىش. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، مۇھىم ھۆكۈم ۋە مۇھىم تەدبىرلەر تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، 2004 – يىلى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ ج ك پ 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نەزەرىيە، ئەمەلىيەت ۋە تۈزۈم نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەسىنى نىزامنامە بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىن مەزگىلىدە، ئەزالار بۇ يىللىق ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئەستايىدىل كېڭىشىپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر – تەكلىپلەرنى بەردى، پۈتۈن يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، دەپ قارىدى. زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش؛ ئالاھىدە نامرات ئامما، ئېغىر نامرات رايونلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى كۆزلەپ، نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادىنى تاۋلاش ۋە پاراسەت يېتىلدۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە نۇقتىلىق غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش – دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››نى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ‹‹ئالاقە تورى +›› ۋە ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025›› پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش ۋە زورايتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مەدەت بېرىپ، يېڭىچە سودا ھالىتى ۋە ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە پەلسەپە – ئىجتىمائىي پەننى تېز بەرپا قىلىپ، ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە جامائەت مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، تۇرالغۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تورنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسى ئورنىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەبرىكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ داغدام يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.

  يىغىن مەزگىلىدە، ئەزالار ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى توغرىسىدا ئەمەلىي چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قوللاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاپ ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى ۋە خەلق ئىستىلىغا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ باشلىنىش يىلى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ج ك پ 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيە، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چارە – تەدبىر كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، قارالمىلارنى توغرا تاللاپ، پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇ كېڭىشىپ، مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نازارەتچىلىك ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۇنجى قەدەمنى ياخشى بېسىشى ۋە خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك. يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا ئەستايىدىل تەشكىللەپ، مەخسۇس ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى، قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، كېڭىشىش نازارەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىپ، بامەسلىھەت ئىش قىلىش، ئىشلارنى كېڭىشەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل تەرتىپى ۋە قاتنىشىش ئەمەلىيىتىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچى ساننى تېپىپ چىقىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىشى كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلار ۋە يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىشى كېرەك. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قوشۇلۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى›› ئاساسىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىكىگە دائىر ھەرقانداق سۇيىقەست ۋە ھەرىكەتكە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك. چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، چياۋمىنلارنىڭ قەلبى، كۈچى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەپ، چياۋمىنلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. تاشقى دوستلۇق ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىپىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش ۋە ئىنتىزامغا بويسۇنۇش، قائىدىگە ئەمەل قىلىش، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپى بويىچە، ئەزالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ۋە ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىكىر – تەكلىپلەرنى توغرا، ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساسلىق، يوللۇق، مۇۋاپىق ۋە ئەمەلىي تەكلىپ بېرىپ، بىر قىسىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش پائالىيەتلىرى يۈزەكى بولۇپ قېلىش، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكمەسلىك قاتارلىق شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك. مەخسۇس كومىتېتلار قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، ئورگان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

   يىغىن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئەزا ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى