تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى يېپىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسىگە ئىگە قىلدى. بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئۆگىنىلىپ ۋە يەتكۈزۈلۈپ، تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئىدىيەۋى ئاساس سېلىندى. بىز جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى، روھىي ماھىيىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئۇنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەت تەپەككۇرى ۋە ئەمەلىي تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ يىل كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىكى چوڭ – چوڭ پائالىيەتلەرنى، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەگە ئالاقىدار زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ئەزالارنى ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە تەشكىللەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، تەكلىپ بېرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەزەرىيە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت سايلاپ چىقىلدى، بۇ، بارلىق ئەزالارنىڭ بىزگە ئىشەنگەنلىكى ۋە بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم تاپشۇرۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، ئېتىقادنى چىڭىتىش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش، ئىتتىپاق، دېموكراتىك بولۇش، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشتە ئالدىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يازما دوكلاتىنى باشلامچىلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، يىللىق ‹‹ئەزالار مەشغۇلاتى››نى ياخشى تاماملاپ، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىمىزنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈشكە تىرىشىپ تۈرتكىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كومىتېتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارارى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، تەكلىپ كومىتېتى، ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، نوپۇس – بايلىق – مۇھىت كومىتېتى، مائارىپ – پەن – سەھىيە – تەنتەربىيە كومىتېتى، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى، مىللەت ۋە دىن كومىتېتى، شياڭگاڭ – ئاۋمېن – تەيۋەن – چياۋمىنلار ئىشلىرى كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت – تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىدىن ئىبارەت ئون مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىش قارار قىلىندى؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

   مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.