(2018–يىلى 3– ئاينىڭ 16– كۈنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13– نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. ‹‹جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسى››نىڭ 49 – ماددىسىدىكى ‹‹جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىدا خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىرقانچە مەخسۇس كومىتېت ۋە باشقا خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىشنى دائىمىي كومىتېت قارار قىلىدۇ›› دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى تۆۋەندىكى ئون مەخسۇس كومىتېتنى تەسىس قىلدى: تەكلىپ كومىتېتى، ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، نوپۇس – بايلىق – مۇھىت كومىتېتى، مائارىپ – پەن – تېخنىكا – سەھىيە – تەنتەربىيە كومىتېتى، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى، مىللەتلەر ۋە دىن كومىتېتى، شياڭگاڭ – ئاۋمېن – تەيۋەن – چياۋمىنلار ئىشلىرى كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت – تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتى.