15-مارت، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى دېھقانلارنى كومپىيوتېر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باي ناھىيە سايرام بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كومپىيۇتېر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش ئۆيى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە توردىن مال سېتىۋېلىش، توردا دۇكان ئېچىش قاتارلىق قوللىنىشچان بىلىملەرنى ئۆگەتتى.