تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى

  يۈەن لېي، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا بارغان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئايروپىلان بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ھاۋا يىپەك يولى بەرپا قىلىش، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللاش، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، جەنۇبىي شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، يىغىنغا جەمئىي 120 تەكلىپ سۇنغان.

  ئەزا باغدۆۋلەت مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمەن. يىغىنغا قاتناشقاندىكى تەسىراتىمنى رەتلەپ چىقتىم، خىزمەت ئورنۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قۇرۇلتاي روھىنى دەرھال يەتكۈزىمەن، ۋاقتىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  ئەزا گۈەن فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول بولدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە بولغان ئىشەنچىم كامىل. خىزمەت ئورنۇمغا قايتقاندىن كېيىن، يىغىن روھىنى ياخشى يەتكۈزىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، تېخىمۇ ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.

  ئەزا يۈكسەك شىجائەت مۇنداق دېدى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  ئەزالار بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا، خىزمىتىمىزگە ئاتلىنىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن پائال ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى