ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئالتە ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش پونكىتى ھەپتە ئاخىرىدا ۋە ھېيت-بايراملاردىمۇ نورمال خىزمەت قىلىپ، يىللىق تەكشۈرۈش قىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە ئاپتوموبىللارنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشكە كېلىدىغان يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ھەرقايسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇشى ئېغىر بولىدىكەن. ئۆچرەتتە تۇرۇش ئەھۋالىنى پەسەيتىش، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى تۇنجى قېتىم بۇ خەلققە قولايلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ ئالتە تەكشۈرۈش پونكىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)، بۇلاقتاغ رايونى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋە مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا بولۇپ، ھەپتە ئاخىرى ۋە ھېيت-بايراملاردىكى خىزمەت ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 10:00 دىن 17:00 گىچە (چۈشتە ئارام ئالمايدۇ) بولىدۇ.
ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ھەر كۈنى سائەت 12:00 دىن 17:00 گىچە تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، كەسىپ بېجىرگىلى كەلمەكچى بولغانلار «ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىسى» نىڭ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى» نىڭ ئورگان مىكروبىلوگى ئارقىلىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان ئاساستا ئاپتوموبىلىنى يىللىق تەكشۈرتسە بولىدۇ.