تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنەيلى، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەيلى

  ــــ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا(3)

  ‹‹خەلق گېزىتى››ئوبزورچىسى

  ئاساسىي قانۇننىڭ جېنى ئۇنى يولغا قويۇشتا، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى يولغا قويۇشتا. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ يەنە بىر قېتىم زور دەرىجىدە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىش زۆرۈر، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش زۆرۈر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىق››. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ئەمەلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. ئاساسىي قانۇننى ئۆگەنگەندە، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلىگەندە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغاندا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدىغاندا، ئاندىن خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىز ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ‹‹جاھاندىكى ئىشلاردا، قانۇن چىقىرىش تەس ئەمەس، قانۇننى يولغا قويۇش تەس››. ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەشتە، ئاۋۋال پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ‹‹ھالقىلىق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتىيەمىز ئاۋۋال ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنى قوللاش، قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىن ھالقىغان ئالاھىدە ھوقۇقى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلار جەزمەن سۈرۈشتۈرۈلۈشى كېرەك. دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قانۇنغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن قوغداش، ئاساسىي قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن تەتبىقلاش، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىن ھېيىقىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ ۋە شۇ بويىچە يېتەكلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاساسىي قانۇننىڭ تۈپ ئاساسى خەلقنىڭ ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇلۇغ كۈچى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئېتىقاد قىلىشىدا. ئاساسىي قانۇن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغاندىلا، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ئاندىن ھەقىقىي يوسۇندا بارلىق خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش تەشۋىق – تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم، تەسىرى چوڭقۇر. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش تەشۋىق – تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بارلىق خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا مىزان بولۇش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتا ئۆلچەمگە تايىنىش كېرەك. تارىخقا نەزەر سالساق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلغانلىقىدىن، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن روھىغا ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەشتە ئاساسىي قانۇن روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، شۇندىلا ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدىكى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى