ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق، خۇشاللىق ئاتا قىلدى. ئۆي-ئۆيلەردىن مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان قېرىنداشلىق سۆھبىتى، كۈلكە- چاقچاقلار ئۈزۈلمىدى. ھويلا-ئاران، ئېتىز-ئېرىقلاردا كۆيۈنۈش، ھەمكارلىققا تويۇنغان ئىش- ئەمگەكلەر قايناپ، دېھقانلارنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاشتى.
كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىرلار يېڭى نىشان، يېڭى ئىدىيە، يېڭى بۇرچ ئېڭىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئىشخىلا بازىرىنىڭ ئارامەھەللە، مازاپتان ئىجتىمائىي رايونىغا كېلىپ، نۆۋەت بىلەن تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش پائالىيىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، يېزا تۇرمۇشىغا باشقىچە ھاياتىي كۈچ قوشتى. تەشۋىقات بۆلۈمىنڭ كادىرى سەي شۇ مۇنداق دېدى: بىز كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەيمىز.
ئارامەھەللە ئىجتىمائىي رايون ئاھالىسى روزى مەمەت مۇنداق دېدى: تۇغقانلىشىشقا كەلگەن كادىرلار ئائىلىمىزگە ھەقىقىي خۇشاللىق، ئىللىقلىق ئاتا قىلدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، مەڭگۈ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك ۋە ناھىيەلىك ئىدارە- ئورۇنلارنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە بۇ ناھىيەنىڭ كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قىزغىن قانات يايدۇرۇپ، تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ئۇلارغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» روھىنى يەتكۈزدى. كۆپ خىل شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق ئائىلىۋى كۆڭۈل ئېچىش، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىش ۋە دوستلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.