تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

فرانسىيەدىكى مارسېل ئەتىر سوپۇن مۇزېيى

   يەر شارى تورى خەۋىرى: فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مارسېل ئەتىر سوپۇنى ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاچقا، فرانسىيە ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىككىنچى مارسېل ئەتىر سوپۇن مۇزېيىنى مارسېل شەھىرىدە ئاممىغا ئېچىۋەتكەن.

  بۇ مۇزېينىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 400 كىۋدرات مېتىر بولۇپ، مۇزېيغا مارسېل سوپۇنىنىڭ بۇرۇنقى ئېلانلىرى ۋە مارسېل سوپۇنىنى ياساش ئەسۋابلىرى قويۇلغان. ساياھەتچىلەر 12 ياۋرو( تەخمىنەن 93 يۈەن)غا مۇزېينىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىۋېلىپ، ئەنئەنىۋى ئەسۋابلار ئارقىلىق ئۆزى ياقتۇرغان سوپۇننى ياساپ، خاتىرە سۈپىتىدە ئېلىپ كەتسە بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە،  مۇزېي ئىچىدىكى كۆرگەزمە مەزمۇنلىرى سەككىز خىل يېزىققا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت مارسېل سوپۇنىنى خەلقئارا بازارغا ئەكىرىش ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى