تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئەمدى ئېغىز پۇراش بىلەن خوشلىشىڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئېغىز پۇراش ئادەمنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، بولۇپمۇ ئالاھىدە سورۇنلاردا  ئادەم ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىدۇ. گۇاڭجۇ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى نەنشا دوختۇرخانىسى جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى دىڭ سۇڭ مۇنداق دېدى: ئەل ئارا رېتسېپ ۋە جۇڭگو تېبابىتىگە ئائىت كىتابلاردا ئېغىز پۇراشنى داۋالاشقا ئائىت نۇرغۇنلىغان دورا ۋە ئاددى رېتسېپلار خاتىرىلەنگەن، بۇلارنى قاراتمىلىق ئىشلەتكەندە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

     ئېغىز پۇراشنىڭ تۆت خىل سەۋەبى بار. ئادەتتە ئېغىز پۇراشنىڭ ئەزا خاراكتېرلىك ۋە فىزىيولوگىيەلىك سەۋەبلىرى بولىدۇ. ئەمما جۇڭگو تېبابىتىدە بەدىنى قاۋۇل، روھىي كۆتۈرەڭگۈ، ئاغزى خۇشپۇراق بولۇش ئادەم بەدىنى ئىچكى ئەزاللىرىنىڭ نورمال فۇنكسىيەلىك ھەرىكىتىنىڭ تاشقى ئىپادىسى، دەپ قارىلىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا ئېغىز پۇراش قاتارلىق كېسەللىك ئىپادىسى بولىدۇ، ئېغىز پۇراشنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل سەۋەبى بار.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاشقازاننى ئىسسىق ئېلىپ كېتىشتىن ئېغىز پۇراش. بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئاشقازاننى ئىسسىق ئېلىپ كېتىشتىن بولىدۇ،  ئېغىز پۇراش ئالامىتىدىن باشقا، يۈز- كۆزى، بەدىنى قىزىيدۇ، ئۇسسايدۇ، ئېغىز ۋە تىلغا يارا چىقىدۇ، چىش مىلكى ئىششىپ، ئاغرىيدۇ، ھەتتا قان چىقىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    ھەزىم قىلالماسلىقتىن ئېغىز پۇراش. تاماقنى زىيادە يەۋېلىشتىن، ئاشقازان زەخمىلىنىپ، يېمەكلىكنىڭ ئاشقازاندا تۇرۇپ قېلىشىدىن پەيدا بولىدۇ، ئاساسلىقى ئېغىزدىن ئاچچىق، سېسىق پۇراق چىقىدۇ، قورساق كۆپۈۋېلىپ ئاغرىيدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، كېكىرىش، ئاچچىق سۇ يېنىشتەك ئالامەتلىرى بار.  

    بەلغەم ئىسسىقتىن بولىدىغان ئېغىز پۇراش. كۆپىنچە بەلغەم ئىسسىقنىڭ ئۆپكىگە تەسىر قىلىشى ياكى بەلغەم ئىسسىقنىڭ ئۇزىراپ كېتىپ يىرىڭداپ، چىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئېغىز پۇراشتىن باشقا، ئازراق يۆتەل، يۆتەل ھەم يىرىڭلىق بەلغەم پەيدا بولىدۇ، كۆكرەك سىقىلىدۇ ياكى ئاغرىيدۇ، روھسىزلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    زەئىپلىشىشتىن بولىدىغان ئېغىز پۇراش. كۆپىنچە ھاللاردا مەنپىي زەئىپلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىز پۇراش، بۇرنى قۇرۇش، قۇرۇق يۆتىلىش، چوڭ تەرىتى قىتىپ قېلىش، بىئارام بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈشتەك ئالامەتلىرى بار.

    ھەر خىل چايلار بىلەن ئېغىز پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ، قېنى سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.

    بىرىنچى، خام ماش ۋە ياۋا جۇخار گۈلىدىن دەملەنگەن چاي. رولى: ئىسسىقنى ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش رولى بولۇپ، ئاشقازاننى ئىسسىق ئېلىشتىن بولغان ئېغىز پۇراشقا، ئېغىز ۋە تىلغا يارا چىقىش، چىش ئاغرىش، كىچىك تەرىتى سېرىق كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىككىنچى، دېندروبىئۇم ئوتى ۋە بۇسات ئوتىدىن دەملەنگەن چاي. رولى: تاماق سىڭدۈرۈش، ئاشقازان قۇۋۋەتلەش ۋە بەلغەم يوقىتىش رولى بار، ھەزىم قىلالماسلىقتىن بولىدىغان ئېغىز پۇراشقا، قورساق كۆپۈپ ئاغرىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئاچچىق سۇ يىنىش، سېسىق كېكىرىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئۈچىنچى، دولانە، تۇرۇپ ئۇرۇقى ۋە خام چۈچۈكبۇيادىن دەملەنگەن چاي. رولى: تاماق سىڭدۈرۈش، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاچچىق سۇ يېنىش، كېكىرىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    تۆتىنچى، قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن ۋە لوفاتېرۇم بامبۇكى يوپۇرمىقىدىن دەملەنگەن چاي. رولى: ئىسسىقنى قايتۇرۇش، سۈيدۈك ئارقىلىق نەملىكنى چىقىرىش، ئېغىز پۇراش، تىل گېزى سارغىيىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بەشىنچى، يەسىمەن چېيى، كۆكچاي ۋە يالپۇزدىن دەملەنگەن چاي. رولى: يالپۇز خۇشپۇراق بولغاچقا ئېغىزدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتىدۇ، ھەرقانداق سەۋەبتىن بولغان ئېغىز پۇراشقا ماس كېلىدۇ.

    ئالتىنچى، خاڭجۇ جۇخار گۈلى، پونۇس ئۇرۇقىدىن دەملەنگەن چاي. رولى: جىگەردىكى ئىسسىقنى ئالىدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. جىگەرنى ئىسسىق ئېلىشتىن بولغان ئېغىز پۇراش، كۆز چىڭقىلىش، تەرىتى قېتىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    يەتتىنچى، گۈلسامساق، تەڭگە يوپۇرماق گۈلىدىن دەملەنگەن چاي. رولى: ئىسسىقنى ھەيدەش، ئۆپكىنى تازىلاش، بەلغەم بوشىتىش رولى بولۇپ، بەلغەمدىن بولغان ئېغىز پۇراشقا، كۆكرەك سىقىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى