تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى جەنۇبى مەيدانى 10-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

    شەھەر ئىستېمالچىلار گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ( تۇدۇڭخابا رايونى) دىن ئىگىلىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول جەنۇبى مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بۆلەك رايونىنىڭ 18 قۇرۇلۇش تۈرىدە 3-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى جەنۇبى مەيدانى بۇ يىل 10-ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

   تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ 18 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول شىمالى مەيدانى قۇرۇلۇشى تۈرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى تۈرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول جەنۇبى مەيدانىنىڭ مەيدان ۋە يۈرۈشلۈك ئەسلىھە تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    جۇڭگو تۆمۈر يول ئىدارىسى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى لايىھەلەش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول جەنۇبى ۋوگزالى قۇرۇلۇشى نازارەتچىسى، ئىنژېنېر جاڭ گې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى كۈندە ھەرقايسى  تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ، ئىشچىلارمۇ خىزمەت ئورنىدا تەق بولدى. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى نورمال ئىش باشلىنىدۇ. 

    يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول جەنۇبى مەيدانىنىڭ مەيدان يۈزى ۋە يول قۇرۇلۇشى پىلانغا ئاساسەن 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋوگزالىغا كىرىپ چىقىشىدا بىر تاللاش يولى كۆپىيىدۇ.  جەنۇبى ۋە شىمالى مەيدان ئارىسىدا بىمالال ئۆتۈش شارائىتى يارىتىلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تارماق رايونىغا سېلىش پىلانلانغان مەبلەغ 1 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى