تويدىن كېيىنكى ئۇچرىشىش ئۇنچە يېڭىلىق تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇچرىشىش ئاللىقاياقلارغا كەتكەن رومانتىكىلىق ۋە شېرىن تۇيغۇلارنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ.
چىرايلىق كىيىنىش
«ئادەمنىڭ يارىشىقى كىيىم، ئاتنىڭ يارىشىقى ئىگەر» دەيدىغان گەپ بار. توي قىلىپ بولدۇم دەپلا يۈرۈش-تۇرۇشقا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئەر-خوتۇن ئۇچرىشىشىدا چىرايلىق كىيىنىپ، قارشى تەرەپكە ئۇچرىشىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك.
ئادەتتىكى پاراڭلاردىن باشقا پاراڭلارنى قىلىش كېرەك.
ئۇچرىشىش بولغانىكەن ئۆيدىكى ئاش-تاماقنىڭ گېپىنى قويۇپ، ئەڭ يېڭى چىققان كىنو ياكى قىزىقارلىق خەۋەرلەر ئىشقىلىپ، ئۇچرىشىش كەيپىياتىنى بۇزمايدىغان پاراڭلارنى قىلغان تۈزۈك.
مۇۋاپىق پەيتتە چاقچاقلىشىش كېرەك.
يېڭى تونۇشقان چېغىڭلاردىكى ئايالىڭىزنىڭ ئەركىلەشلىرى، سىزنىڭ خۇشچاقچاقلىقىڭىز يادىڭىزدىمۇ؟ بۇلار تويدىن كېيىنكى ئۇچرىشىشنىڭ «خۇرۇچى» بولالايدۇ. چەتئەلدە كىشىلەر خۇشچاقچاق كىشىلەرنى «ئوماق» دېيىشىدۇ، بۇ، خۇشچاقچاق ئادەمنىڭ ھەممىلا يەردە كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەرىكىتىڭىز سالماق بولسۇن.
ھەممە ئەر نەپىس كىيىنگەن، سىپايە ئاياللارنى ياقتۇرىدۇ، شۇڭا ئاياللار ھەمىشە ئېرىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش ئويىدا بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
ھىدىڭىزنى ئېرىڭىزنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇڭ.
شانىل : ئەتىر ئىشلەتمەيدىغان ئايالنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ، دېگەن. بۇ سۆز ناھايىتى ئورۇنلۇق ئېيتىلغان. ياشلىق ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما نازاكەت ۋە جەزبىدارلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ سېھرىي كۈچى. شۇڭا ئاياللار ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەتىرنى تاللاپ، تېخىمۇ مۇكەممەل جابدۇنۇشى كېرەك. ئوخشاشلا ئەرلەر ئاز-تولا ئەتىر چېچىۋالسا جەلب قىلىش كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئۆز ئارا ئۇچرىشىشنى قەدىرلەش كېرەك.
كىيىنىش ياكى ئۇچرىشىدىغان ئورۇننى تاللاشتا بولسۇن، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن قارشى تەرەپنى ئويلىشى شۇنداقلا قارشى تەرەپكە ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تەسىر بېرەلەيدىغان ئورۇننى تاللىشى كېرەك. شۇندىلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
قارشى تەرەپنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلماسلىق كېرەك.
تويدىن كېيىنكى ئۇچرىشىش پۇلنى بۇزۇپ-چاچقانلىق، دەپ قارىلىدۇ، ئەمما بۇ توغرا ئەمەس. مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇچرىشىشقا چىقسا بولىدىيۇ، نېمىشقا توي قىلغاندىن كېيىن رومانتىك بولسا بولمامدۇ؟ كۆز قاراشنىڭ بەكلا ئادەتتىكىچە بولۇشى ۋە رېئال مەنپەئەتنى زىيادە قوغلىشىش ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى.