تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى توغرىسىدىكى خاتا قاراشلار

ماتېرىيال سۈرەت

    كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىسنىڭ بويىنىڭ ئېگىز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا بارچە ئاماللارنى قوللىنىپ بالىنىڭ بويىنى ئۆستۈرۈش كويىدا يۈرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ بويىنى ئۆستۈرىدىغان ئۇسۇللار خېلى كۆپ، ئەمما خاتا قاراشلارمۇ ئاز ئەمەس، تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

    بىرىنچى خاتا قاراش، بالا «قىزىپ» قالغاندا بويى ئۆسىدۇ. خەلق ئارىسىدا «بالا بىر قېتىم قىزىسا، بويى بىر قېتىم ئۆسىدۇ، قىزىماي چوڭ بولىدىغان بالا يوق» دەيدىغان گەپ بار. بۇنىڭدىن باشقا، مىكروبىلوگلاردا: «بالامنىڭ قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىن بويىمۇ خېلى ئۆستى» دېگەن ئاتا-ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇقۇشماسلىق. بەلكىم دەل شۇ ۋاقىت بالىنىڭ بويى ئۆسۈش ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بالىنىڭ  قىزىتمىسى يانغاندىن كېيىنمۇ بويى ئۆسۈۋېرىدۇ، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا ئاتا-ئانىلاردا بالا قىزىسا بويى ئۆسىدۇ، دېگەن خاتا قاراش پەيدا بولۇپ قالغان، شۇڭا قىزىپ قالغاندا بويى ئۆسىدۇ، دېگەن قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىككىنچى خاتا قاراش، سۈتنى قانچە كۆپ ئىچكەنسېرى بويى شۇنچە ئېگىز بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كالىتسىيدىن ئايرىلالمايدۇ، سۈت ئىچىش كالىتسىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، بۇنى ئاتا-ئانىلار ئوبدان بىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ گەپ خاتا ئەمەس. پەقەت بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ بويىنىڭ بەك ئاستا ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جىددىيلەشكەنلىكتىن سۈتنى كۆپرەك ئىچكۈزۈپ بالىسىغا كالىتسىي تولۇقلاشنى ئويلىشىدۇ-دە، بالىغا سۈتنى زىيادە ئىچكۈزۈۋېتىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا. بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كالىتسىيدىن باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىگىمۇ موھتاج بولىدۇ، مەسىلەن: تۆمۈر. بالىلارغا سۈتنى جىق بېرىۋەتكەندە بەدەندىكى زور مىقداردىكى كالىتسىي بەدەننىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىدا ئاسانلا تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى خاتا قاراش، بەدىنىنى تارتىپ قويسا بويى ئۆسىدۇ. بازاردىكى «تارتىش ئەسۋابى»، «سوزۇش كارىۋىتى» دېگەندەك ئۈسكۈنىلەر بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۈنۈمىنى كۆردۇق دېيىشكەن، لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بالىلارنىڭ بويى ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ قالغان. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ پىرىنسىپى بالىلارنىڭ بوغۇم بوشلۇقىنى ۋاقىتلىق چوڭايتىش بولۇپ، ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى بالىنىڭ بويىنى ئۆستۈرۈش ئەمەس. شۇڭا بەدىنىنى تارتىپ سوزۇپ قويسىلا بويى ئۆسىدۇ، دەپ قارىماڭ، بالىڭىز سوزىدىغان لەغمەن ئەمەس، سىزنىڭچىچۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    تۆتىنچى خاتا قاراش، 23 ياشقا كىرگەندە بويى يەنە ئۆسىدۇ. خەلق ئارىسىدا 23 ياشقا كىرگەندە بالىلارنىڭ بويى يەنە ئۆسىدۇ، دەيدىغان گەپ تارقالغان. بۇنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق. بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى سۆڭىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بالىنىڭ سۆڭەك ئېپىفىزى سىزىقى يېپىق ھالەتتە بولمىسىلا بالىنىڭ بويى يەنە ئۆسىدۇ. ئەگەر يېپىق ھالەتتە بولسا بويى ھەرگىز ئۆسمەيدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالام 23 ياشقا كىرگەندە بويى ئۆسىدۇ، دەپ قاراپ، بالىنىڭ ئۆسۈش ئالتۇن مەزگىلىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    بەشىنچى خاتا قاراش، بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسمەسلىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ كېچىككەنلىكىدىن بولىدۇ. بەزى بالىلار بالدۇر يېتىلىدۇ، بەزى بالىلار كېچىكىپ يېتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىلار بالامنىڭ بويى ئۆسمەيۋاتىدۇ، پەقەت يېتىلىشى كېچىكىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بوي ئېگىزلىكى پەرقىنىڭ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇقماسلىقى مۇمكىن. بالىنىڭ بويى ئۆسىدىغان ئىككى ئالتۇن مەزگىلى بولىدۇ، يەنى گۆدەكلىك مەزگىلى ۋە ياشلىق مەزگىلى. ئەگەر بالىڭىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى مۇشۇ ئىككى مەزگىلدە قۇرداشلىرىدىن پاكار بولسا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۆسۈش ئالتۇن دەۋرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بالىڭىزنىڭ سۆڭەك ئېپىفىزى سىزىقى يېپىق ھالەتتە بولمىسىلا بالىڭىزنىڭ بويىنىڭ يەنە ئۆسۈش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، لېكىن بەك جىق ئۆسمەيدۇ. شۇڭا بويى پاكار بولسا كېچىكىپ يېتىلدى، دەپ ئويلىماڭ، بوي ئۆسۈش قايتىلانمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى