شىنجاڭ تورى خەۋىرى: دۆلەت سەنئەت فوندى تۈر جەھەتتە قوللىغان كۆپ ۋاسىتىلىك ئىجادىي بالىلار تىياتىرى «ناجا» 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن تارتىپ ئۈرۈمچىدە قويۇلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى «مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى» تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ تىياتىر ميەنياڭ شەھىرىنىڭ «دۆلەت سەنئەت فوندى» قوللىغان تۇنجى بالىلار سەھنە تىياتىرى ئىكەن، شۇنداقلا بۇ تىياتىرنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا قويۇلۇشى بولۇپ، چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا ئۈرۈمچىدە تۆت مەيدان قويۇلىدىكەن.
بالىلار تىياتىرى «ناجا» نىڭ ماتېرىيالى «ناجانىڭ دېڭىزنى قالايمىقان قىلىشى» ناملىق ئەپسانە-چۆچەكتىن ئېلىنغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى ھېكايە ئىجادىيەت ئۆلچىمى قىلىنىپ، ھازىرقى زامان كۆزىتىش نۇقتىسى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن، بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەرنىڭ ھېسسىيات نۇقتىسى چىقىش قىلىنىپ، ناجانىڭ ئادالەت يولىدا مەردانە ۋە جۈرئەتلىك بولۇشتەك پەزىلىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە ئىلھام بېرىدۇ.