شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىلدىن باشلاپ 2020-يىلىغىچە، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 300 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەمەلىي سانائەت رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 30 ئەمەلىي سانائەت رايونىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ تەرەققىي قىلىشتىن سانائەت ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئۆزگىرىشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى %10 ئاشقان. يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردە 40 قا يېقىن تايانچ كارخانىلار بارلىققا كېلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد زور دەرىجىدە ئاشقان. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاساسىي جەھەتتىن نېفىت-خىمىيە سانائىتى، يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، مېتال بۇيۇملار، توقۇلما كىيىم-كىچەكلەر، يېڭى ئېنېرگىيە، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش، بىيو دورىلار ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئاساس قىلىنغان سانائەت ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى شەكىللەنگەن. ئۈرۈمچى شەھىرى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2017-يىلى « ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى 17 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر » لىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى نىشان، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئىلغار يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنى ياساش، يېڭى ماتېرىيال، زامانىۋى خىمىيە سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەت رايونلىرىنىڭ توپلىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە « ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى 17 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن.