تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قومۇل تىيانشان يېزىسىدا باش باھار

    ئۆز خەۋىرىمىز: قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تىيانشان يېزىسى شەرقىي تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى تاغ جىلغىسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى ئۆرۈك چېچەكلىگەندە نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقا جەلىپ قىلىدۇ.  باش باھاردا تىيانشان يېزىسىدا نەچچە كۈن قار ياغقان بولۇپ، گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن شەھەر رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئاھالىلەر ئۈچۈن ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي بولدى.
    سۈپسۈزۈك ئېرىق سۈيى شىلدىر-شىلدىر ئاقاتتى، قىرغاقتىكى مۇزلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئېرىپ تامچىلىشىدىن شەكىللەنگەن سۈزۈك مۇز نوكچىلىرى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. كىچىك ئېقىندا ئېرىگەن مۇز پارچىلىرى ئېرىقتا ئېقىۋاتقان سۇغا قوشۇلۇپ ناھايىتى تېزلا غايىپ بولاتتى.
    ئەمەلىيەتتە، تىيانشان يېزىسىدا باھارنىڭ ئالامىتى ئېرىشكە باشلىغان قار-مۇز ۋە سۈزۈك ئېقىنلا بولماستىن، بەلكى ئادەتتە ئادەم ئۇنچە بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان دەرەخلەردىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەنگەنىدى. تۈزلەڭلىك بىلەن قوشنا بولغان تۇداۋگۇ، قوراي، سەنداۋگۇدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى باشقىچە رەڭگە كىرىپ، ئادەمگە بىر قارىسىلا باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن شەپە بېرەتتى؛ لېكىن تاغ ئارىسىدىكى بەنفاڭگۇ، تەيياڭگۇ قاتارلىق جايلاردا يەنىلا قىش پەسلىنىڭ مەنزىسىنى كۆرگىلى بولاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى