تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرى سەكتە بىمارلىرىغا پايدىلىق

ماتېرىيال سۈرەت

    سەكتە ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئۆلۈش سەۋەبى، دۇنيادا بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار %11 نى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ئۇنى داۋالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىزچىل ھەممىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. يېقىندا «كانادا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى» دا بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان، يەنى سەكتە كېسىلىنى داۋالاشتا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارىغاندا ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن قوللاشنىڭ ئۈنۈمى  تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

    يېڭى تەتقىقاتتا ئەنگلىيە ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوكتور سكوت مورى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى شوتلاندىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى پۈتۈنلەي ئالدى ئايلانما قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتە (ئېغىر دەرىجىدىكى سەكتە) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 219 بىمارنى تەتقىق قىلغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان بىمارلارنىڭ سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىنكى 12 ئاي ئىچىدىكى شەخسىي كەچۈرمىشى، بىرقەدەر كۆڭۈل بولىدىغان ئىشى ۋە  ئەڭ ئاۋۋال قىلىشقا تېگىشىلىك ئىشلىرىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ئالدىنقى يېرىم يىلدا 125 بىمار ئۆلگەن (%57نى ئىگىلىگەن)؛ بىر يىلدىن كېيىن 132 بىمار ئۆلگەن (%60 نى ئىگىلىگەن)؛ ئۆلگەنلەر ئارىسىدا سەكتە كېسىلى قوزغىلىپ بىرىنچى ئېيىدا ئۆلگەنلەر تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلىگەن.  

    كۆپلىگەن سەكتە بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى كېسەل بولغاندىن كېيىن داۋالاش، پەرۋىش قىلىش تەدبىرى قوللانمىغانلىقتىن ھەمدە كەلگۈسى يىرىك پىلانى تۈزمىگەنلىكتىن، ئۆتكەن كۈنلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئازابلانغان، كېسەللىك پەرۋىشىگە بولغان كونكرېت ئۇسۇلنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىغا قارىتا ئۇلار قاتتىق تەشۋىشلەنگەن، كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىز ئىشلار تۈپەيلىدىن گاڭگىراپ قالغان. بۇلارلا ئەمەس، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە تېببىي خادىملار «ئامالسىز قالغاندا ئىشلىتىدىغان داۋالاش» (بۇ يەنە سەكرات غەمخورلۇقى داۋالىشى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ)  نى پاسسىپ سۆز دەپ قارىغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    دوكتور مورى مۇنداق كۆرسەتتى: ئېغىر دەرىجىدىكى پۈتۈنلەي ئالدى ئايلانما قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان سەكتە بىمارلىرى، ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى يوقاتقانلار ۋە گەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياشاش قىيىن بولۇش ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە. ئەمما بىز سەكتە بىمارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يارەنلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاشتىنمۇ مۇھىم بولغىنى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئاكتىپ روھىي ھالەت ۋە تۇرمۇش مۇددىئاسى ھەم ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز زۆرۈر.

    بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى بىزگە سەكتە بىمارلىرىنى پەرۋىش قىلغاندا، تېببىي خادىملاردىن بىمارنىڭ پۇت-قولىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىلا كۆڭۈل بۆلمەي، بىمارنىڭ  ئىجتىمائىي ئالاقىسى ۋە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھېسسىياتىغىمۇ  نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، سەكتە بىمارلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېھتىياجى ئۇلارنىڭ داۋاملىق ياشىشىغا نىسبەتەن بەدەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىياجىدىنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى