پارچە قاچىلانغان يېمەكلىكلەر ھىم قاچىلانمىغان بولغاچقا، باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا زىدانداش ھاشارەتلەر ھۇجۇم قىلىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا پارچە قاچىلانغان يېمەكلىكلەر تازا بىخەتەر بولمايدۇ، بۇ بىزگە ئەلۋەتتە پارچە قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز سېتىۋېلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئەمما بۇ، پارچە قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى قەتئىي سېتىۋالماسلىق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى پارچە قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا، ئەتراپنىڭ مۇھىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، پاكىز مۇھىت، پاكىز ئىشلەپچىرىش شارائىتىغا ئىگە پارچە قاچىلانغان يېمەكلىكنى سېتىۋالسا يەنىلا بولىدۇ، ئەگەر ئەھۋال ئەكسىچە بولسا سېتىۋالمىغان تۈزۈك.
يېمەكلىكنى خاتىرجەم يېيىش ھەر بىر ئادەمنىڭ ئارزۇسى. ئەمەلىيەتتە ئادەم مۇنتىزىم يېمەكلىك ئورۇنلىرىغا بېرىپ يېسە، ئۇ چاغدا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. «ئۇنى يېسە بولمايدۇ، بۇنى يېسە بولمايدۇ» دەيدىغانلار چوقۇم باشقىلاردىن يېمەكلىك تالىشىدىغان ئادەم بولۇشى مۇمكىن.