تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

  چېن چياڭۋېي

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ئېچىۋېتىش دائىرىسى ۋە قاتلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. غەربىي رايون، ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز.

  ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن غەربىي رايون، ئىچكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقىچە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك نۇقتىسىدىن كونكرېت تەلەپ، يولغا قويۇش يوللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ‹‹سىرتقا ئېچىۋېتىش››، ‹‹يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى›› قاتارلىق تېمىلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم شىنجاڭ قانداق قىلغاندا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتەلەيدۇ؟ قاتارلىق مەزمۇنلار ھەققىدە چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئېچىۋېتىش يولىنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى ‹‹تېزلىتىلىش دەۋرى››گە قەدەم قويدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يېرجان جۇۋانغان

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى يېرجان جۇۋانغان مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىن بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەنە غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى شىنجاڭ بۇ بىر نەچچە يىلدا شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پائال ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ‹‹تېزلىتىلىش دەۋرى››گە قەدەم قويدى، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

   ئاپتونوم رايون ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى يېتەكچى پىكرىنى چىقاردى.

  يېرجان جۇۋانغان مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسى تېز ئۆستۈرۈلدى. 2017 – يىلىغىچە خەلقئارا يولۇچى – يۈك تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 111ى، دۆلەت ئىچى – سىرتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 257سى تۇتاشتۇرۇلدى، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئېچىۋېتىلدى، غۇلجا ئاۋىياتسىيە پورتى كېڭەيتىلىپ ئېچىۋېتىلدى، دولاتا پورتىنى ئۈچىنچى دۆلەتكە ئېچىۋېتىش تەستىقلاندى؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى، ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنى تاموژنىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى پەرھات روزى مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتى رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، قەشقەر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، قەشقەر خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى، قەشقەر بوشلۇق ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلۇشى باشلاندى. قەشقەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

  ھازىرغىچە يەكەن ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، تۇمشۇق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، تاشقورغان چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرى تەستىقلاندى، قەشقەر ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ چۈشكەن جايدا ۋىزا بېرىش كەسپى قانات يايدۇرۇلدى.

  ‹‹چىقىرىش، كىرگۈزۈش›› تىجارەت مۇھىتى ياخشىلاندى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى(قوشۇمچە)، شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرىمى ئېنخۇا

  شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت – سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى مى ئېنخۇا مۇنداق دېدى: مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش››تىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەلئارا مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىزدەك پۇقراۋى كارخانىلارغا نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق خۇش خەۋەر، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەش، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى مى ئېنخۇانىڭ كارخانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

  مى ئېنخۇا مۇنداق دېدى: بىز ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، ھازىرقى بازارلارنى، چارۋىچىلىق قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە خۇالىڭ بازىرىنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىكى تەسىر كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ‹‹چىقىرىپ››، خەلقئارا بازار رىقابىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ نامايان قىلىندى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %86.5ىنى ئىگىلەپ، ئىمپورت – ئېكسپورتنىڭ 15 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇپ قالدى.

  كارخانىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون سودا مۇھىتىغا كۈچەشنى چۆرىدەپ، ‹‹چىقىرىش، كىرگۈزۈش›› ئىستراتېگىيەسىنى تېز يۈرگۈزۈپ، كارخانىلارنى ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  يېرجان جۇۋانغان مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تارماق ھالقىغان سىياسەت يىغىندىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردۇق. ئاپتونوم رايونىمىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سەككىز تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو – پاكىستان، جۇڭگو – موڭغۇلىيە – رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى تۈر قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتناشماقتا. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن كۆپ، ئىككى تەرەپلىك سىرتقا ياردەم بېرىش بويىچە تەربىيەلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغ سېلىش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلتۇرقى ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 139 مىليارد 840 مىليون يۈەن بولۇپ، %19.9 ئاشتى. ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيادىكى 192 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى قانات يايدۇردى، 54 دۆلەت ۋە رايوندىكى كارخانىلار شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سالدى، 53 دۆلەت ۋە رايون بىلەن مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى.

  كەلگۈسىدىكى ئېچىۋېتىش – ھەمكارلىق سالمىقى تېخىمۇ زور

  پەرھات روزى مۇنداق دېدى: بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتى ‹‹بەش پورت سەككىز دۆلەت بىلەن تۇتىشىش، بىر يول ياۋروپا – ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش››تەك رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنىڭ قەشقەر ئارقىلىق ‹‹چىقىرىش››ىنى قوللاپ، سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى – تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دېيىلگەن ‹‹جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ. غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندۇرىدۇ›› دېگەن سۆز پەرھات روزىغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى دۆلەت ئىچى بازىرىغا يىراق، لېكىن خەلقئارا بازارغا ناھايىتى يېقىن. ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كەسىپ، ئەشيا ئوبوروتى، سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ قاتلامدا ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  گىرۇزىيەدە بازارنى كېڭەيتكەن خۇالىڭ گۇرۇھىغا نىسبەتەن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىدا ياخشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپلا قالماي، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

  مى ئېنخۇا مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە بىز شىنجاڭ بازىرىنى ئاساس، گىرۇزىيە – خۇالىڭ خەلقئارالىق ئىقتىساد ئالاھىدە رايونىنى ئالدىنقى سەپ قىلىپ، گىرۇزىيەنىڭ ياۋروپا – ئامېرىكا ئەركىن سودىسىغا يۈزلىنىشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئىي تاۋارنى ئېكسپورت قىلىش، پىششىقلاش بازىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان تاۋارنى ۋە جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى سىرتقا چىقىرىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىمىز.

   ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  يېرجان جۇۋانغان مۇنداق دېدى: بۇمۇ شىنجاڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىمپورت تاۋارلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆپ سىڭىپ كىردى. بىز سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت تاۋارلار كۆرگەزمىسىنىڭ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھەمكارلىشىمىز.

  ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن سودا سېلىنمىسى ساھەسىدە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك رايونلار ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشتەك سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، مال سودىسىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسى ۋە سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرىدۇ.

(سۈرەتلەرنى مۇخبىرلىرىمىز سۈي جىجيەن، لۇ مىنيى تارتقان)

 

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى