تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

ئەقلىي بۆلۈنمىسى ئېينىشتېيىن ۋە خاۋكىڭدىن يۇقىرى بالا

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگلىيەلىك 12 ياشلىق بىر بالا مېنسا كۇلۇبىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزا بولۇپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بالا ئەقلىي بۆلۈنمە سىنىقىدا 162 نومۇر ئالغان بولۇپ، بۇ ئېينىشتېيىن ۋە خاۋكىڭنىڭ ئەقلىي بۆلۈنمىسىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن.

  خارىسون كاسېي ئىسىملىك بۇ بالا سىناقتىن كېيىن: «بۇ قېتىمقى سىناق سەل قىيىنكەن» دېگەن، ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسى ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزۇن بولمىغان خاۋكىڭدىن يەنە ئىككى نومۇر يۇقىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئالدىنقى %1 ىگە تىزىلغان، ھازىر ئۇ مېنسا كۇلۇبىنىڭ ئىقتىدارلىق ئەزاسى ئىكەن.

  خارىسون پاتولوگ بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ئۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىزدەشنى كۆڭلىگە پۈككەن. ئىگىلىنىشىچە، خارىسون بىر ياش ۋاقتىدىن باشلاپ گېزىت ئوقىغان، ئۈچ ياش ۋاقتىدىن باشلاپ سانلارنى ئېلىش ۋە بۆلۈشنى بىلگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ نەتىجىدىن بەكمۇ خۇرسەن، مەن ئۆزۈمنىڭ يۇقىرى نومۇر ئالالايدىغانلىقىمغا ئىشەنگەچكە بۇ سىناقنى قوبۇل قىلغان، ئەمەلىيەت توغرا قىلغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بەردى، ئىككى سائەتلىك سىناقنى پىلان بويىچە تاماملىدىم». ئىگىلىنىشىچە، مەكتەپتە ئۇنىڭ ھەرقايسى پەندىكى نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ماتېماتىكا بولۇپ، ئۇنىڭ نىشانى كېلەر يىلى ماتېماتىكا بويىچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىش ئىكەن.

  خارىسون كەمتەرلىك بىلەن: «ئەمەلىيەتتە، مەن <ئەستايىدىل> ئۆگىنىش قىلىدىغانلاردىن ئەمەس» دېگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ ئېينىشتېيىن ۋە خاۋكىڭدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ھاياجانلانغان ھالدا: «مەن خاۋكىڭنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇ بەك قالتىس» دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى