تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 4–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 4 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭنىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شۈ شاۋشى ئايرىم – ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا ئائىت ئەھۋاللاردىن بەرگەن دوكلاتى، 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا ئائىت ئەھۋاللاردىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  يىغىن شىن چۈنيىڭنىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 2017 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى، 2017 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018 – يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  يىغىن شىن چۈنيىڭنىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ھەم گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى، قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ سايلاش ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسى لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  يىغىن 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشنى تەشكىللەش چارىسى لايىھەسى توغرىسىدىكى ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسىغا قاراپ چىقتى.

  يىغىن يۇقىرىقى دوكلات ۋە قارار لايىھەلىرى، قارار لايىھەسى، چارە لايىھەسى، رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 5 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

   قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن شى، ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى