تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنى يېپىلدى

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

  ۋاڭ ياڭ سۆز قىلدى

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەردەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  يېپىلىش يىغىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى. ۋاڭ ياڭ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2158 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 2142 كىشى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن، دەپ جاكارلىدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.

  ۋاڭ ياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان مۇھىم پەيتتە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، بارلىق ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرىغا بېرىپ، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. كەڭ ئەزالار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى ۋە رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى، شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى لايىھەسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىن دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل بولغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى ۋە دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئۇلۇغ سىياسىي ئىجادىيىتى، جۇڭگو تۇپرىقىدا بارلىققا كەلگەن يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدىن ئىبارەت بۇ ھەيۋەتلىك نام جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىنىڭ خاراكتېرى ۋە رولىنى ئېنىق نامايان قىلغان، بۇ نام، بۇ تۈزۈم بىزگە يۈكلىگەن بۇرچنى جەزمەن توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سىياسىي تەشكىلات، جەزمەن بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق دېموكراتىيەسىدىكى مۇھىم تۈزۈم، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلغان ھالدا مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى، جەزمەن راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، كېڭىشىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بارلىق پائالىيەتتە ئاساسىي قانۇننى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا چاقىرماقتا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورتاق نىشان ئارقىلىق ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچنى تېپىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىشىش، بۈيۈك بىرلىشىش ئارقىلىق ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە ئارقىلىق قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خىزمەتلەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تىرىشىپ ئوخشاش بولمىغان پارتىيە – گۇرۇھلار، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقادتىكى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىغا يەنە دىڭ شۆشياڭ، ما كەي، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، ليۇ يەندۇڭ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى جيەنگو، لى خۇڭجۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، فەن چاڭلۇڭ، خۇ چۈنخۇا، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ، چاڭ ۋەنچۈەن، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، دۇ چىڭلىن، خەن چىدې، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، چى شۈچۈن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار قاتناشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى تەكلىپكە بىنائەن يېپىلىش يىغىنىنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

   يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقان بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.