تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى يانفون ئابۇنىچىلىرى 6 مىليون 910 مىڭغا يەتتى

  ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: بۇ يىل 1-ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى يانفون ئابۇنىچىلىرى 6 مىليون 910 مىڭدىن ئاشقان، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى WIFI نۇقتىسى 7000غا يەتكەن. 1-ئايدىلا ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە يېڭىدىن قوشۇلغان يانفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 170 مىڭدىن ئاشقان.

  3-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە كەسپى كىرىمى 491 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %3.59 يۇقىرىلىغان. كۆچمە تېلېفوننىڭ سېتىلىش ئومۇمىي مىقدارى 75مىڭ 900گە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى 71 مىڭ 900گە يەتكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇقىم تېلېفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 222مىڭغا، يانفون ئابۇنىچىلىرىنىڭ سانى 6 مىليون 910مىڭ 500گە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى