ماتېرىيال سۈرەت
ئائىلىدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى مۇھىم بىلىشتىن ساقلىنىپ، بالىنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قانداق يېتىلدۈرۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى، بالىنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ بالىنى ياخشى-يامان دەپ ئايرىماسلىقى كېرەك، بالىلارغا نەتىجىسى ياخشى بولۇشنى شەرەپ، ناچار بولۇشنى نومۇس دېگەننى ھېس قىلدۇرۇپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
بالىڭىز قىزىقمايدىغان، چۈشىنىشكە سەۋىيەسى يەتمىگەن ئىشلارنى قىلغۇزماڭ. بالىڭىز ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشنى قىلغاندا، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىدىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىپ، بالا ياقتۇرمايدىغان بەزى ئىشلارنى قىلدۇرغاندا، بالا بىلەن ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدا تەبىئىيلا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ.
ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس قىزىقىشى ۋە ياخشى كۆرۈشى بولىدۇ، شۇڭا زورلاشقا بولمايدۇ. كىشىلەر ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشەلەيدۇ ھەمدە شۇ ئىشتا ئاسانلا نەتىجە يارىتالايدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانمىقى تەسكە توختايدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىش ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماسلىق ۋە ھەۋەس قىلماسلىقتۇر، بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز ئىدىيەسى بويىچە بالىنىڭ قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىنى بوغۇپ قويۇشتۇر.
ماتېرىيال سۈرەت
ھالبۇكى، تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ قىزىقىشى ۋە ھەۋىسىگە ئېتىبارسىز قاراپ، بالىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدۇ، نەتىجىدە بالىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويىدۇ.
بالىنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك بولغىنى ياخشى. ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيەلەشتە ئاۋۋال بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ياخشى كۆرۈشىنى بايقىشى كېرەك. بالىنى ئۆگىنىش قىلىدىغان ماشىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش كېرەك.