شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو بانكىچىلىق جەمئىيىتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان « 2017-يىللىق جۇڭگو بانكا كەسپى مۇلازىمەت دوكلاتى » دا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تىجارەت تور نۇقتىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 228 مىڭ 700 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن تىجارەت تور نۇقتىسى 800 دىن ئاشقان. 2016-يىلىدىكى 3800 دىن ئارتۇق يېڭىدىن كۆپەيگەن تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئېشىش مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: سودا بانكىسى ئىقتىسادىي، پۇل مۇئامىلە بايلىقىغا ۋە خېرىدار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، تىجارەت تور نۇقتىلىرىنى « يېنىك كەسىپلەرگە مايىللاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۆزگىچىلەشتۈرۈش، مەھەللىلەشتۈرۈش » نى ئۆزگەرتىشنىڭ يۈزلىنىشى قىلىپ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: بانكا كەسىپلىرى پۇل مۇئامىلە، پەن-تېخنىكىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن پائال پايدىلىنىپ، ھەر تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشىغا قاراپ ئۆزگىرىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ شەرتىنى تۆۋەنلىتىپ، خېرىدارلارنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشىنى ئۆستۈردى.