ھازىر كۆپىنچە ياش ئەر-خوتۇنلار بىردەملىك ئاچچىققا پايلىماي ئاجرىشىپ كېتىپ، كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ ھەمدە يارىشىۋالماقچى بولىدۇ. ئۇنداقتا يارىشىۋېلىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك؟
ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلار يارىشىۋېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ نىكاھلىنىشنى تىزىملاش ئورنىغا بېرىپ تىزىملىتىشى كېرەك. ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلار نىكاھتىن ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسى (ياكى مۇرەسسەنامە) نى قايتۇرۇپ، ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، يارىشىۋېلىشنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بېرىلىپ، قانۇنلۇق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەگەر تەرەپلەر يارىشىۋېلىشنى تىزىملاتماي تۇرۇپ بىر ئۆيدە تۇرسا قانۇنلۇق ئەر-خوتۇنلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
يارىشىۋېلىشقا كېرەكلىك ئىسپات، ماتېرىياللار:
1.نوپۇس؛ 2.كىملىك ياكى ھەربىيلىك (قوراللىق ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى؛ 3. ئىش ئورنى، مەھەللە (كەنت) كومىتېتى ياكى قىسىمنىڭ تۈەندىن يۇقىرى سىياسىي ئورگىنى بەرگەن نىكاھلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىسپات؛ ئاجرىشىپ كەتكەنلەر نىكاھتىن ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
يارىشىۋېلىش ئۈچۈن بېجىرىلىدىغان رەسمىيەتلەر:
يارىشىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تىببىي تەكشۈرتۈشى ھاجەتسىز.
نىكاھلىنىشنى تىزىملاش ئورنى ئالاقىدارلارنىڭ يارىشىۋېلىش ئىلتىماسىنى نىكاھلىنىشنى تىزىملاش تەرتىپى بويىچە بېجىرىدۇ ھەم «نىكاھ تىزىملىتىش ئىلتىماسى» ۋە توي خېتىدە نىكاھنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىكاھتىن ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.
يارىشىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى توي خېتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىدۇ.