تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدىغان يېمەكلىكلەر

    ئاياللار تېرىسىنى چىڭىتىپ، داغ-سەپكۈن ۋە قورۇقنى يوقاتماقچى بولسا بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. مەسىلەن، سەۋزە قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ، مايمۇن شاپتۇلى ۋە پەمىدۇر تېرىنى ئاقارتىپ، داغ-سەپكۈننى سۇسلاشتۇرىدۇ. يۇقىرىقى يېمەكلىكلەر قوشۇمچە رول ئوينايدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي مېۋە-كۆكتاتلارغا تايىنىپ داغ-سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى كۈن نۇرىدىن ساقلانماي، تېرىگىمۇ سۇ تولۇقلىمىغاندا تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ، سەپكۈنلەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرالمىغانلىقىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا يېمەكلىكتىن سىرت يەنە باشقا تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تېرىنى ئاسراش كېرەك.

     سويا پۇرچاق (دادۇر): سويا پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E ئىنتايىن مول بولۇپ، ئەركىن رادىكالنىڭ ئاكتىپلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي يەنە تېرىنىڭ قېرىشىنى تىزگىنلەپ، پىگمېنتلارنىڭ تېرىگە چۆكۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سويا پۇرچاق ئىزوفلاۋونى بىر خىل ئانىلىق ھورمون بولۇپ، ئانىلىق ھورمون ئاكتىپلىقىغا ئىگە، ئاياللىق ھۈجەيرىسىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ. شۇڭا بولۇپمۇ 25 ياشقا كىرگەن ئاياللار سويا پۇرچاقنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشىشى كېرەك.

     چېچەكسەي: چېچەكسەينىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، قەنت، ماي، ۋىتامىن، كاروتىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى باشقا كۆكتاتلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولغاچقا «كۆكتات خان تاجى» دەپ تەرىپلەنگەن. چېچەكسەي تېرىنىڭ زەخمىلىنىشكە قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

     سۈت: سۈتتىكى تۆمۈر، ۋىتامىن A ھۆسىننى گۈزەللەشتۈرۈش، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. سۈتنىڭ يەنە تېرىنى ئاقارتىش رولىمۇ بار بولۇپ، ئىزچىل ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشتە ئېسىل مەھسۇلات قاتارىدا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. سۈتنى ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق، ئەگەر ھەزىم قىلىشى ناچار بولسا، دەسلەپتە ئاز مىقداردا ئىچىپ كېيىن مىقدارىنى تەدرىجىي ئاشۇرسا بولىدۇ. سۈت بىلەن يەنە يۈزنى يۇيغاندا تېرىنى ئاقارتىدۇ. ئەگەر سۈتكە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى بولسا، مۆتىدىل بولغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتسىمۇ ۋە تەركىبىدە ۋىتامىن C بولغان بەدەننىڭ ۋە تېرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسىمۇ بولىدۇ. ھەر قانداق تېرە ئۆزىگە ماس بولغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشكە ۋە يېمەكلىك ئارقىلىق ۋىتامىن تولۇقلاشقا مۇھتاج.

    مايمۇن شاپتۇلى: مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىتامىن C بار بولۇپ، قارا پىگمېنتلارنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنىڭ ئاقلىقىنى ساقلاپ، تېرىدىكى داغ-سەپكۈننى سۇسلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولغاچقا، ئىچى سۈرگەنلەر، كىچىك تەرىتى كۆپ كېلىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئادەت كۆپ كىلىدىغان، ئالدىن بېشارەت بولغان بويىدىن ئاجراپ كەتكەنلەر، مايمۇن شاپتۇلىغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى بارلارمۇ مايمۇن شاپتۇلىنى ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.

    پەمىدۇر (شوخلا) : پەمىدۇر تەركىبىدىكى لىكوپېن قورۇقنى يوقۇتۇشقا ياردەم بېرىپ، تېرىنى تېخىمۇ يۇمران ۋە پارقىراق قىلىدۇ. دائىم پەمىدۇر يەپ بەرسە كۆز ئەتراپى ئاسان قارىداپ قالمايدۇ ۋە تېرە ئاسان كۈن نۇرىدا زەخمىلەنمەيدۇ. پەمىدۇرنى خام يېگەندە بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. تۇخۇم بىلەن قوشۇپ قورۇپ يېسە ياكى شورپا قىلىپ ئىچسە بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. گەرچە تېرىنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇردا زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالسىمۇ، ئەمما يەنىلا ھەر كىم تېرىسىگە ماس كېلىدىغان كۈن قالقىنى (ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى)نى ئىشلىتىشى كېرەك. كۈن قالقىنى سۈرۈش كۈن نۇرىدىن ساقلىنىشنىڭ ئاساسى، كۆكتات پەقەت قوشۇمچە رول ئوينايدۇ، شۇڭا تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىغا كۆكتاتلارنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى