ئۈرۈمچى شەھىرى مىڭجۇ گۈل-گىياھ بازىرىدىكى سودىگەر كۆكتات ئۇرۇقىنى كۆرسەتمەكتە.
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىڭجۇ گۈل-گىياھ بازىرىدا ئائىلىسىدە كۆكتات تېرىيدىغان خېرىدارلارغا مەسلىھەت بېرىۋاتقان گۈل سودىگىرى جاڭ شياۋچىڭ كۆكتاتنىڭ دەسلەپكى مايسا يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ: «كۆكتات ئۇرۇقى تېرىشتىن ئىلگىرى توپىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيىمىز، تۇپراق سۇنى سۈمۈرگەندىن كېيىن سۇيۇلدۇرۇلغان ئوغۇت سۈيىدىن ئازراق تېمىتىمىز. ئۇرۇقنى چېچىپ بولغاندىن كېيىن تەشتەكنىڭ ئۈستىنى يېڭى ساقلاش پىليونكىسى بىلەن يېپىپ، بىرقانچە تۆشۈك ئاچىمىز، ئىللىق، نەم جايغا قويۇپ قويساق، بىر ھەپتە ئەتراپىدا بىخ چىقىرىدۇ» دېدى.
مۇخبىر يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى گۈل-گىياھ بازارلىرى، كۆكتات ئۇرۇقى توپ-پارچە سېتىش دۇكانلىرى ۋە يول ياقىسىدىكى بەزى ئۇششاق يايمىچىلارنى زىيارەت قىلىپ، 3-ئايدىن بۇيان كۆكتات ئۇرۇقى، كۆكتات مايسىلىرىنىڭ تېز سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى. گۈل-گىياھ بازىرىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر كۈنى پارچە سېتىلىۋاتقان كۆكتات ئۇرۇقلىرى بەش-ئالتە يۈز بولاققا، ھەپتە ئاخىرىدا ھەتتا بىر-ئىككى مىڭ بولاققا يېتىۋېتىپتۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شەھەر ئاھالىلىرى ياپراقلىق ئۇسۇڭ، يازلىق بەسەي، كۆكتات قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۇرۇقى ھەمدە يۇمغاقسۈت، يازلىق سۇڭپىياز قاتارلىق تەم تەڭشەش تىپىدىكى كۆكتات ئۇرۇقلىرىنى ياخشى كۆرۈپ سېتىۋېلىۋېتىپتۇ.